فىدان: تۈركىيە پەلەستىنلىكلەرگە ئۈمىد بولۇشنى ۋە غەززەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززە ئۈچۈن بىر نەپەس، پەلەستىن ئۈچۈن ئۈمىد بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى پائال قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

فىدان ئاخىرقى نىشانىمىز ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دېدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

خاقان فىدان جۈمە (17-ئۆكتەبىر) كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېفۇل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تۈركىيە غەززە ئۈچۈن بىر نەپەس، پەلەستىن ئۈچۈن ئۈمىد بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىز غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى پائال قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «غەززەدە قەد كۆتۈرىدىغان ھەر بىر بىنا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىنىڭ مەھسۇلى بولىدۇ. بىز تېخى يولنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئاخىرقى نىشانىمىز ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە بارلىق ئازابلارغا قارىماي، تىنچلىق ۋە باياشاتلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان ئوتتۇرا شەرقنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا كېلىشىشى بىلەنلا، ئەنقەرەنىڭ ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە پىلانلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋادېفۇل بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئەنقەرە بىلەن بېرلىننىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلىشىشى توغرىسىدىكى ئۈمىدلىرىنى تەكرارلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خىزمەت قىسىملىرى ۋە تىنچلىق كېڭىشى

خاقان فىدان رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ۋە غەززە توغرىسىدا ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇندىغاندەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا تەييار» دېدى.

ئۇ بۇ رامكىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «خىزمەت قىسىملىرى، تىنچلىق ھەيئىتى ياكى خەلقئارا تىنچلىق ساقلاش كۈچى» قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىرادەسىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.