پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇش پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى.
ئەنگلىيە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى / Anadolu Agency
2025-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىشىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئەنگلىيە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 19 يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى.

ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەزىرى ھامىش فالكونېر يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئەنگلىيە پەلەستىندە 19 يېڭى ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئولتۇراق رايونلار خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.»

فالكونېرنىڭ بۇ باياناتى ئىسرائىلىيە كابىنېتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 19 يېڭى ئولتۇراق رايونى قۇرۇش تەكلىپىنى تەستىقلىنىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا تەستىقلانغان يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سانى 69 غا يەتكەن.

فالكونېر بۇ ئەھۋالنىڭ «20 ماددىلىق پىلان» غا ۋە پەقەت «ئىككى دەۋلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» ئارقىلىقلا قولغا كەلگۈسى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ھەم خەۋپسىزلىك ئۈمىدلىرىگە زەربە بېرىش خەۋپى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان يول خەرىتىسىدۇر.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا كەم دېگەندە 1102 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، تەخمىنەن 11 مىڭ كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە تەخمىنەن 21 مىڭ كىشىنى قولغا ئالغان.

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى ئىيۇل ئېيىدا قارار ماقۇللاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىشىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىغان ھەمدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق ئولتۇراق رايونلارنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سموترىچ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا 3 مىڭ 600 يۈرۈش تۇرالغۇدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى.

سموترىچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ «قۇددۇسنى شەرقتىن قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك بازا» بولۇپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايوننىڭ كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى