خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ، ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى تېھراننىڭ ئۆزئارا ھوقۇققا ۋە ئادالەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ، ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ ئۇرۇشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى / AA

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېھراننىڭ ئۇرۇشقا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئاراقچى تېھراندىكى چەت ئەللىك باش ئەلچىلەرگە خىتاب قىلغان ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان نۇتىقىدا، ئىراننىڭ ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى، ئەمما ئۆزىنى قوغداشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇرۇش تەرەپدارى ئەمەس، ئەمما ئۇرۇشقىمۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكىمۇ تەييار، لېكىن بۇ سۆھبەتلەر ئادىل، ھوقۇققا باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتكە ئاساسلىنىشى كېرەك.»

«ئىران مەسىلىسىدە كۈچلۈك تاللاشلار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمىز»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نامايىشلارغا مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بىلەن تەھدىت سالغاندىن كېيىن، ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلۈم سانىنىڭ يۈزلەرچە كىشىگە يېتىشى بىلەن «ناھايىتى كۈچلۈك تاللاشلار» ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فلورىدادىكى مار-ئا-لاگو قورۇقىدىن ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىققان پىرېزىدېنت ترامپ، ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

«ئارمىيە ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، بىزمۇ ناھايىتى كۈچلۈك تاللاشلار ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمىز، بۇ ھەقتە چوقۇم بىر قارار چىقىرىمىز.»

ترامپ يەنە، ئامېرىكانىڭ قاچان، قەيەردە ياكى قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەي، ئىران ھەققىدە ھەر سائەت ئۇچۇر ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىراندىكى نامايىشلار

ئىران دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان ناچارلاشقان ئىقتىسادىي شارائىتلار سەۋەبىدىن نامايىشلارغا سەھنە بولماقتا.

ئامېرىكاغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى HRANA، نامايىشلاردا 490 نامايىشچى ۋە 48 دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچى خادىمىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 10 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما تالاپەتكە ئالاقىدار تېخىچە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئامېرىكا ئالدىنقى يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىران-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى جەريانىدا «تۈندىكى بولقا ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، ئىراننىڭ ئۈچ مۇھىم يادرو ئەسلىھەسىگە (فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھان) ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ترامپ ھەربىي ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن باشقا يەنە، كەڭ كۆلەملىك تور ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى سەۋەبىدىن ئىراندا تورغا چىقىش پۇرسىتىنى قايتىدىن يارىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ئېلون ماسك بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى نېتانياھۇغا ئەمەس، گادى ئېيسېنكاتقا بېرىلدى
ئامېرىكا ئىراقتىن ئىران بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى ئىرانغا قارشى «تۆمۈر دەرۋازا» ۋەزىپە قىسمى قۇردى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ياردەمنى كېسىشىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئامېرىكانى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى
رۇبىيو ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ھېرزوگ ھۆكۈمەت قۇرىدىغان كىشىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىكەن
كالىفورنىيە ئىشتاتى باشلىقى بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈملىرىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتتى
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى
شىمالىي كورېيە «باينەنس»تىكى ئوغرىلىققا چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ