پەلەستىن دۆلىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ترامپنىڭ تىنچلىق يولىنى سىزىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.
پەلەستىننىڭ «WAFA» خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «بىز پىرېزىدېنت دونالد ج. ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن سەمىمىي ۋە بوشاشماس تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ھەمدە ئۇنىڭ تىنچلىق يولىنى تېپىشتىكى قابىلىيىتىگە ئىشىنىمىز» دېيىلدى.
باياناتتا پەلەستىننىڭ ئامېرىكا، رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ھەرقانداق بىر كېلىشىمنىڭ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى، تۇتقۇنلار ۋە مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، پۇقرالارنى قوغداش مېخانىزمى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولغان بىر تەرەپلىمە تەدبىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالىتىمۇ تەلەپ قىلىندى.
پەلەستىن باياناتىدا يەنە تۇتۇپ قىلىنغان باج كىرىملىرىنى قويۇپ بېرىش، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى، غەززە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا پەلەستىن ئاپپاراتلىرىنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
باياناتتا: «بىز خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيە بىلەن تىنچ ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە ياشايدىغان مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدىكى ئادىل تىنچلىق نىشانىنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.
پەلەستىن ئەمەلدارلىرى يەنە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەردى.
باياناتتا پەلەستىننىڭ «زامانىۋى، دېموكراتىك ۋە قورالسىز دۆلەت قۇرۇش، كۆپ خىللىق ۋە ھاكىمىيەتنى تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە سادىق» ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە خەلقئارا نازارەتكە بويسۇنىدىغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىستېمىسى قۇرۇلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىلدى.
باياناتتا: «بىز رايون خەلقى ئۈچۈن تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا ۋە بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئىجابىي ۋە بەرپاچى شەكىلدە ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
رايون رەھبەرلىرى پىلاننى قوللايدۇ
تۈركىيە ۋە بىر تۈركۈم ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، كېلىشىمنى تاماملاش ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، ئامېرىكا ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «غەززەدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ توختىتىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئەپەندىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە رەھبەرلىك رولىغا يۇقىرى باھا بېرىمەن. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەرەپلەر قوبۇل قىلالايدىغان ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن بۇ جەريانغا داۋاملىق تۆھپە قوشىمىز» دېدى.
بۇ باياناتلار ترامپنىڭ ۋاشىنگتوندا نېتانياھۇ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ تەكلىپ غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۇنيانىڭ قوللىشى
دۇنيا رەھبەرلىرىمۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، بارلىق تەرەپلەرنى پىلاننى قوبۇل قىلىشقا ۋە تىنچلىق يولىدا ئىلگىرىلەشكە چاقىردى.
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېيىر ستارمېر بۇ تەكلىپ يولغا قويۇلغان تەقدىردە ئازاب-ئوقۇبەتكە خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىز بارلىق تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ كېلىشىمنى ئاخىرقى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز. ھاماس دەرھال قوراللىرىنى تاشلاپ، قالغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ترامپنىڭ «غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋەدىسى»نى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماكرون: «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئاساستا قەتئىي ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھاماسنىڭ باشقا تاللىشى يوق؛ دەرھال بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى ۋە بۇ پىلانغا ئەمەل قىلىشى كېرەك» دېدى.
ئىتالىيە بۇ تەشەببۇسنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا: «بۈگۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپ، دۈشمەنلىكنىڭ مەڭگۈلۈك ئاخىرلىشىشىغا، بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىگە ۋە پۇقرالار ئۈچۈن تولۇق ۋە بىخەتەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يولىنىڭ ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ» دېيىلدى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوھان ۋادېفۇل ترامپنىڭ غەززە پىلانىنى «بۇ قورقۇنچلۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي بىر پۇرسەت» دەپ ئاتاپ، بېرلىننىڭ بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى «كونكرېت قوللاش»قا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئامېرىكانىڭ بۇ تەشەببۇسىنى ماختاپ: «مەن پىرېزىدېنت ترامپنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ۋە نېتانياھۇنىڭ ئىجابىي ئىنكاسىدىن ئىلھاملاندىم» دېدى. كوستا «ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ئۈچۈن ھەقىقىي بىر پۇرسەت يارىتىشقا بارلىق تەرەپلەرنى ئىلھاملاندۇرىمەن» دەپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ «ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئەمەلىي يولى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىمۇ قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «بىز پىرېزىدېنت ترامپنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رايوندىكى ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاۋاتىمىز» دېدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا بۇ پىلاننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق، رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.
بۇ قوللاش باياناتلىرى ترامپنىڭ ۋاشىنگتوندا نېتانياھۇ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرىنى جاكارلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى. پىلان غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، ھاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يوللىرىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.












