قەسسام: ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززەدىكى رايونلاردا ئىلگىرىلەشنى توختاتمىسا بەزى تۇتقۇنلارنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەسسام: ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە / TRT Uyghur

 ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى تېلېگرام سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ۋىدېئولۇق بايانات ئېلان قىلدى.

ئەبۇ ئۇبەيدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:  

«مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ۋە غەززەنىڭ شىمالىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى دۇنيادىكى بارلىق ئەركىن ئىنسانلار ئۈچۈن ئىلھام بېرىدىغان بىر مىسالدۇر.

بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ھاياتى ئىشغالىيەتچى ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان رايونلاردا يۈزلەرچە مېتىر ئىلگىرىلىشىگە باغلىقتۇر.»

ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى 14-دېكابىر كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلار تۇرۇۋاتقان بىر جاينى قەستەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شۇ جاينى قايتا بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 10 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك تۇتقۇن يېتىۋاتقان بولۇپ، غەززە رايونىدا 101 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.