پۇتىن سلوۋاكىيە باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكونى قوبۇل قىلدى.
پۇتىن سلوۋاكىيە باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى / TRT Uyghur
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پايتەختى موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدا سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو بىلەن كۆرۈشتى.
كىرېمىل سارىيى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋمۇ قاتناشقان كۆرۈشۈشتىن كېيىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.