تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: «ئامېرىكا سۆھبەتلەردىن كېيىن سۈرىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش ئېھتىياجىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكالىق مەنسەپدېشى ماركو رۇبىئو ۋە ئاق سارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۈرىيە، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېيسەر قانۇنى (Caesar Act) مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
فىدان: «ئامېرىكا سۆھبەتلەردىن كېيىن سۈرىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش ئېھتىياجىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى»
فىدان: «ئامېرىكا سۆھبەتلەردىن كېيىن سۈرىيەنىڭ بىرلىككە كېلىش ئېھتىياجىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى» / AP
2025-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ۋاشىنگتون زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ۋە سۈرىيەلىك مەنسەپدېشى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سۆھبەتلەردە سۈرىيە ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىك ئىچىدە قېلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

سۆھبەتلەردىن كېيىن ئامېرىكادىكى تۈرك تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۈرىيە دۆلەت رەئىسى ئەھمەد شارا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بىر قىسمىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، مۇئاۋىن پرېزىدېنت ج.د. ۋانس ۋە ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىلىرى ستىۋ ۋىتتېفكوپ ۋە توم بارراك بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىدان، سۆھبەتلەر جەريانىدا ئەنقەرەنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان ئامېرىكا پايتەختىدىكى تۈرك مەتبۇئاتلىرىغا بايانات بېرىپ: «بولۇپمۇ سۈرىيەنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە باشقا رايونلىرىدىكى مەسىلىسى بار رايونلارنى قانداق ياخشىراق باشقۇرغىلى بولىدۇ، كېيسەر قانۇنىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانداق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي قاراشلىرىنى، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى، سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتى، بىرلىكى، ھەمكارلىقى، تىنچلىقى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق» دېگەن سۆلەرنى ئىشلەتتى.

شارانىڭ زىيارىتى، سۈرىيەنىڭ تەخمىنەن 80 يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئاق سارايدا تۇنجى سۈرىيە رەھبىرىنىڭ زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فىدان، سۆھبەتلەرگە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ئەل-شابانى، رۇبىئو، ۋىتتېفكوپ ۋە بارراك قاتارلىقلاردىن باشقا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ج.د. ۋانسنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن، ئۇكرائىنا، ئىران

خاقان فىدان  كېيىن ۋىتتېفكوپ ۋە بارراك بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەردە، بولۇپمۇ پەلەستىننى ئاساس قىلغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى «تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭمۇ كۈنتەرتىپتە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتقان فىدان: «بۇنىڭ بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدۇق. يەنى بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ھازىرقى ھالقىلىق بوسۇغىدا نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ، تۈركىيەنىڭ رولى نېمە بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا بىلەن قانداق ھەمكارلاشقىلى بولىدۇ، بۇلارنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ ھەقتە جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ بەزى قاراشلىرى بار» دېدى.

فىدان يەنە، ئىران يادرو سۆھبەتلىرىدىكى ئامېرىكا پوزىتسىيەسى ھەققىدە «كەڭ كۆلەملىك» پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە كېيىن سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Al Sharaa, Trump had 'constructive' talks on Syria's unity, reconstruction — Syrian foreign minister

سۈرىيە تېخىمۇ پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن

سۈرىيە مەسىلىسىگىمۇ توختالغان فىدان، ھازىرقى ئاساسلىق نۇقتىنىڭ سۈرىيە ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئېمبارگولارنى مەڭگۈلۈك ئېلىپ تاشلاش، كېيسەر سۈرىيە پۇقرالارنى قوغداش قانۇنى دەپ ئاتالغان بەلگىلىمە ئۈستىدە نېمە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پرېزىدېنتلىق ھوقۇقى ئىشلىتىلىپ، چەكلىك دەرىجىدە بەزى ئىستىسنا قىلىنىشلار ئېلىپ بېرىلغان ئىدى ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ يولى ئېچىلغان ئىدى. ئەمما قانۇننى پۈتۈنلەي بىكار قىلىپ، كونگرېستىن ئۆتكۈزۈپ، يەنى پرېزىدېنتلىق ئىستىسناسىغا ئېھتىياج بولمايدىغان بىر نۇقتىغا ئېلىپ كېلىش كېرەك. بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشاش قاراشتا بولۇشى ۋە كونگرېسقا بۇ يۆنىلىشتە تەۋسىيە قىلىشى پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىدى. ھەم شارا ئەپەندىنىڭ بايانلىرى ھەم بىزنىڭ ئۇ يەردە ئورتاقلاشقانلىرىمىز بۇ نۇقتىدىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە»

فىدان، سۆھبەتلىرىنىڭ يەنە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈۋەيدا ۋىلايىتىدە، سۈرىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن دەمەشق ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر ۋە شەرقىي شىمالدا «SDF» دەپ ئاتالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK/YPG بار رايونلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە ئالدىمىزغا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش چىقىدۇ: شىمالى، شەرقىي شىمالى، شۇنداقلا جەنۇبى… بۇ يەردىكى مەسىلىلەرگە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنمىسا، دۆلەتنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. دۆلەت بارغانسېرى تېخىمۇ پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكالىقلارنىڭ بۇنى چۈشىنىشى مۇھىم ئىدى ۋە چۈشەنگەنلىكىنىمۇ كۆرىۋاتىمەن»

«يەنى دۆلەتنىڭ بىر ۋە پۈتۈن بولۇشى، ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ تەڭ بىر ۋاقىتتا جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنىڭ تەمىنلىنىشى، ھەر خىل ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ بېسىم ئاستىدا بولماسلىقى پەۋقۇلئاددە مۇھىم. بۇ تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھېچكىمگىمۇ تەھدىت سالماسلىقى كېرەك. بۇ يۆنىلىشتىمۇ جىددىي سۆھبەتلەر ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشلار ئېلىپ بېرىلدى»

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى