تۈرك دۇنياسى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسى كاۋكازىيەدىكى تىنچلىق ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننى قاراباغدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تەبرىكلەپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى تىنچ كەلگۈسى بەرپا قىلىشقا چاقىردى.
ئەردوغان: «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسى كاۋكازىيەدىكى تىنچلىق ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ»
ئەردوغان: «ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسى كاۋكازىيەدىكى تىنچلىق ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ» / AA

شەنبە كۈنى باكۇدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان چاقىرىقىنى ۋە بۇنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى غەلىبىسىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، 30 يىللىق ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ماختاپ، بۇنى كاۋكازىيە ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىدى.

ئەردوغان ئازاد قىلىشنىڭ پەقەت چوڭ بىر ئادالەتسىزلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە رايونلۇق مۇقىملىق ئۈچۈن «يېڭى بىر دەۋر» نى باشلىغانلىقىنى ئېيتىپ، بارلىق تەرەپلەرنى غەلىبىنى مەڭگۈلۈك تىنچلىققا ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى.

ئەردوغان: «بىز نە ئۆچمەنلىك قىلىمىز، نە ئۆتمۈشتىكى ئازابلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە يول قويىمىز» دېدى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەۋرنى كاۋكازىيەدە مەڭگۈلۈك تىنچلىققا بارىدىغان يولدىكى بىر مۇھىم ئابىدە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan, Azerbaijan pledge stronger ties in trade, energy, and defence

ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش يۆنىلىشىدىكى «سەمىمىي تىرىشچانلىقلىرى» نى مەدھىيەلەپ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان تەرىپىدىن بېسىلغان «ئىجابىي قەدەملەر» نىمۇ ماختىدى.

ئەردوغان: «ئاللاھ خالىسا، بۇ شانلىق غەلىبە ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ ئىجابىي پوزىتسىيەسى بىلەن رايوندا خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىقنى مۇستەھكەملەيدىغان مەڭگۈلۈك بىر كېلىشىم بىلەن نەتىجىلىنىدۇ» دېدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياننى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

ئەردوغان يەنە قاراباغ ئۇرۇشىدا جەڭ قىلغان ئەزەربەيجانلىق ئەسكەرلەر ۋە غازىلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈرىشىنى «قەھرىمانلىق» دەپ تەرىپلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاراباغدىكى غەلىبىنىڭ «رايوندىكى گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ ئىلگىرىلىشىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلە ئۈستىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس، تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋە قاتناش كارىدورى قاتارلىق چوڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى