دونالد ترامپنىڭ 2024-يىلى 5-نويابىر قايتا پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنى تەۋرەنمەي قوللىشىنى ئۆزگەرتىشىدىن ئۈمىد يوق.
بىراق، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكىدەك ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرقمۇ، ئىسرائىلىيەمۇ، نېتانياھۇمۇ ئوخشاش تۇرمىدى.
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، نېتانياھۇ 2023-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئەدلىيە ئىسلاھاتى قانۇن لايىھەسىدىن تارتىپ ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىشقىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە بايدىن ھۆكۈمىتى بىلەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بۇ جەرياندا ئۇ دېموكراتچىلارنىڭ بېسىمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشى تۇردى ۋە بەزىدە بۇ قارشىلىقنى دۆلەت ئىچكى سىياسىتى ئىستراتېگىيەسىدە قورال سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك پايدىلاندى.
قانداقلا بولمىسۇن، تىرامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنى كۆزدە تۇتقاندا، نېتانياھۇنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشنى ساقلاپ قېلىشتا قىينىلىشى مۇمكىن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توقۇنۇش پەسەيگەندىن كېيىن، ئاندىن ترامپنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكىگە ئوخشاش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىسرائىلىيە سىياسىتىدە ۋاقىت جەھەتتە ئۇتالايدىغان كۈچلۈك نېتانياھۇنىڭ بار-يوقلۇقى ئېنىق بولىدۇ.
ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: تىرامپ 2020-يىلدىكى سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، نېتانياھۇ سىنلىق ئۇچۇردا بايدىننى تەبرىكلىگەن ئىدى. تىرامپ بۇنى كېيىنچە «ساداقەتسىزلىك» دېگەن ئىدى.
ترامپنىڭ كۈچى، نىتانىياھۇنىڭ ئاجىزلىقى
نىتانىياھۇ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئوڭچىل دىنىي زىيونىستلار لاگېرىنىڭ كېنسېتقا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئارقىلىق 2018-يىلدىن بۇيانقى بەش سايلام ۋە بىر يىللىق ئۆكتىچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەزگىللىك سىياسىي داۋالغۇشتىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلدى. ئەمما، داۋاملىشىۋاتقان قانۇنىي كۈرەشلەر ۋە 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن، ئاتالمىش «بىخەتەرلىك ئەپەندى» ئوبرازىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئورنى يەنىلا خەتەرلىك.
نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللىقى تايىنىدىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت شېرىكلىرىنىڭ تەلىپىگە بارغانسېرى سەزگۈر بولۇپ كەتتى، بەزىدە لىكۇد گۇرۇھنىڭ ئۆزىدىكى بۆلۈنۈشنى باشقۇرۇشتا قىينالدى.
نەتىجىدە، نېتانياھۇ ھازىر ئىسرائىلىيەدە ھەر خىل مانېۋىرلار ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان رەھبەر ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن نېتانياھۇ سايلام بېسىمىنىڭ 2025-يىلغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىدىغانلىقىنى، كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋپسىزلىك مەغلۇبىيىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 2023-يىلدىكى نامايىش بىلەن باشلانغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاكتىپلىق دولقۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلاپ قالدى ۋە 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشنى ئاساس قىلغان كۈچلۈك بىر ھەرىكەتكە ئايلاندى.
چەكلىك تاشقى سىياسەتتىكى تاللاش ئىمكانىيەتلىرى
تاشقى سىياسەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ تاللاش ئىمكانىيەتلىرى 2010-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى. ئەينى ۋاقىتتا، نىتانىياھۇنىڭ پۇتىن بىلەن كۈچلۈك دىيالوگ مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، خىتاينىڭ مەبلىغى بىلەن ھايفا پورتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك تۈرلەرنى يولغا قويغان ئىدى.
بىراق، بۇ كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى سەۋەبىدىن تولۇق تەرەققىي قىلالمىدى. 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن كېيىن ، ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، بولۇپمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك سىياسىتى ۋاشىنگىتونغا تېخىمۇ بېقىندى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇنىڭدىن تارتىپ، ترامپ دەۋرىدىكى ئىبراھىم كېلىشىمىنىڭ مىراسى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش سېپىنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ترامپ بۇ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2017-يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇ سايلام قوللىشىدىن ۋە سىياسىي ئورنىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن پايدىلىنىدۇ.
ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ يەرشارى ۋە رايون سەۋىيەسىدە، بولۇپمۇ كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا قانداق ئۆزگىرىشىگە زور قىزىقىش بار. بۇ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بولغاچقا، ھەمدە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (COVID-19) غا ئوخشاش رىقابەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ترامپ بۇ ۋەزىپە ئۆتەش نۆۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا باشلىغاندەك قىلىدۇ. بۇ كۈچلەنگەن ئورۇن ئۇنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئۇرۇشلارنى چۆرىدىگەن مۇنازىرەلەرنى مەركەز قىلىپ، رايون سىياسىتىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
ترامپ ئىلگىرى نىتانىياھۇ بىلەن ھەمكارلاشقان رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندا يېتىم قېلىشىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانچە مۇھىم ئۆزگىرىشلەردە، مەسىلەن، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش، سۈرىيەنىڭ ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىبراھىم كېلىشىمىدە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قەدەملەر شۈبھىسىزكى نىتانىياھۇنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر لىكۇد پارتىيەسىنىڭ 2023-يىلغىچە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي مۇقىمسىزلىق مۇھىتىدا پارلامېنتتا خېلى كۆپ ئورۇننى ئىگەللىشىگە ھەسسە قوشتى.
نىتانىياھۇنىڭ مۇرەككەپ شەخسىي مۇناسىۋىتى
نىتانىياھۇنى مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق، ئۇنى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئۈچۈن ئىشەنچسىز شېرىككە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نىشانى ئامېرىكانىڭ رايون مەنپەئەتىدىن يىراقلاشقاندا تېخىمۇ شۇنداق. نېتانياھۇ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھۋالىغا تايانغان سىياسەت يۈرگۈزىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئىچكى سىياسىتىدە ئىجابىي تەرەپلىرىنى ھەمدە زىددىيەتلەرنى پىشاڭ قىلىپ پايدىلاندى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئۆكتىچىلىرى باش كۆتۈرگەندە، ئۆزىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتتى. بۇ ئىسرائىلىيەدە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلدى. مۇناسىۋەت ياخشىلانغاندا بولسا، ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنى تەكىتلىدى.
بۇ قوش ئۇسۇل نېتانياھۇنىڭ مۇناسىۋەتتىكى يىرىكچىلىكنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ داڭقىنى قوغدىشىغا پايدىلىق. مەسىلەن، ئۇ 2019-يىلدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە بايدىن ۋە پۇتىن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى نامايەن قىلدى ۋە 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە بايدىن بىلەن توقۇنۇشقان بولسىمۇ، ئۆزىنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە قىلىپ نامايان قىلدى.
بۇ يەردە، نىتانىياھۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك ۋەدىلەرنى بېرىپ، بايدىننى ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ئېلان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئەمما، نېتانياھۇنىڭ پىلاننىڭ بەزى ماددىلىرىغا قارشى تۇرغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشى، تېزلا بايدىننى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، نىتانىياھۇ ھەر قېتىملىق يىغىندىن كېيىن، سەلبىي باياناتلارنى ئېلان قىلدى.
ترامپنىڭ رەھبەرلىك ئۇسلۇبىنى ئويلاشقاندا، نېتانياھۇنىڭ مۇرەككەپ سىياسەت ئۇسۇلىغا ئانچە سەۋرچان بولماسلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. نىتانىياھۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى گوللاش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرىنى پەسەيتىش ۋە پىرېزىدېنتنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان تاكتىكىسى، ترامپنىڭ نازارىتى ئاستىدا قوبۇل قىلىنماسلىقى مۇمكىن.
ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋەدىسىمۇ؟
مەيلى ھۆكۈمەت ياكى كىمنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىدە كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ياكى ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىدا چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولۇشىدىن ئۈمىد يوق. ئەمما، ترامپ نېتانياھۇنىڭ بايدىنغا قىلغان مۇئامىلىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان رەھبەر ئەمەس. باشقىچە ئېيتقاندا، ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش نۆۋىتى، پەلەستىنلىكلەرگە پايدىلىق بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقلا نېتانياھۇ ئۈچۈنمۇ تېخىمۇ قىيىن ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن.
ترامپنىڭ سايلام رىقابىتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ مۇھىم نۇقتا ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئەھمىيىتى ۋە ئۈمىدنىڭ ئېشىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى بەلكىم بۇ يۆنىلىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھەر قانداق توقۇنۇشنى قانداق شارائىت ئاستىدا ئاخىرلاشتۇرۇش. بۇ نېتانياھۇ ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن مەسىلە. ترامپنىڭ «ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇر» سۆزىنىڭ ئەمەلىي تەسىرى ئايدىڭلاشقاندا، ئۇنىڭ نىتانىياھۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
ئىسرائىلىيەنى قوللاشنىڭ نېتانياھۇدىن ئايرىلىشى
قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ترامپنىڭ بۇ يېڭى دەۋردە نېتانياھۇغا قارىتا مەجبۇرلاش پوزىتسىيە قوللىنىشى مۇمكىن. گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىشىدىن ئۈمىد يوق بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ بېسىم ھېس قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ بەلكىم ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىنى نىتانىياھۇدىن ئايرىۋېتىشىدىكى ئەمەلىيەتچىل ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە نېتانياھۇغا قارىتا قىلغان سۆزلىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، نېتانياھۇنىڭ گاللانتنىڭ ئورنىغا كاتزنى مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىشى، ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش دەپ قاراشقا بولىدۇ. ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ داۋام قىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئەھۋاللار، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ترامپنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە ئوخشاش ئىجابىي يۆلىنىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشى ترامپ-نېتانياھۇ ھەرىكەتچانلىقىدىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىل بولىدۇ.










