خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 130 دانە ئۇكرائىنا تېزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن
موسكۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 130 دانە ئۇكرائىنا تېزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن؛ ئۇكرائىنامۇ جەنۇبتا بەزى تۇرالغۇلارنى يوقاتقان.
موسكۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 130 دانە ئۇكرائىنا تېزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن
موسكۋانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 130 دانە ئۇكرائىنا ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن / Reuters
2025-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى

نۇرغۇن جەڭ لىنىيەلىرىدە توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا، قويۇق تۇمان روسىيەنىڭ زاپوروجيەدە ئىلگىرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ روسىيەنىڭ نېفىت ساھەسىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو تەدبىرلىرى كېلەر ھەپتە يولغا قويۇلىدۇ.

روسىيە دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى TASS، پەيشەنبە كۈنى، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، كېچىدە روسىيەنىڭ بەزى رايونلىرى ئاسمىنىدا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 130 دانە ئۇكرائىنا تېزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى پاچاقلىغانلىقىنى ۋە ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، كىيېۋنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى چارشەنبە كۈنى، روسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى زاپوروجيە رايونىدىكى ئۈچ يېزىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال ئولېكساندر سىرسكىي تېلېگرامدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «قويۇق تۇمان روسىيە قىسىملىرىنىڭ زاپوروجيەدىكى ئۇكرائىنا ئورۇنلىرىغا سىڭىپ كىرىشىگە شارائىت يارىتىپ بەردى» دېدى ھەمدە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭمۇ روسىيەنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارغا» كىرگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

لېكىن، ئۇ ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ ھازىرمۇ شەرقتە دونېتسك رايونىدىكى پوكروۋسك شەھىرىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى پۈتۈن جەڭ لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ دېگۈدەك يېرىمى بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىدى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خاركىۋ رايونىغا جايلاشقان كۇپىيەنسك ۋە لىمان شەھەرلىرىمۇ يېقىندا توقۇنۇشلار كۈچەيگەن جايلار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ.

روسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان نېفىت ساھەسىنى نىشان قىلغان يېڭى ئامېرىكا ئېمبارگو تەدبىرلىرى 21-نويابىر يولغا قويۇلىدۇ. بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ مەقسىتى، روسىيە دۆلەت باشلىقى ۋلادىمىر پۇتىننى ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئاخىرقى تۆت ھەپتە ئىچىدە دونېتسكتا توققۇز يېزا ۋە قىشلاقنى؛ زاپوروجيە رايونىدا سەككىز، دنىپروپېتروۋسك رايونىدا يەتتە ۋە خاركىۋ رايونىدا بەش يېزىنى ئىگىلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇرۇش تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، پوكروۋسكىنى قورشاۋغا ئېلىشنىڭ بۇ يەردە كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى ۋە «سپېتسناز» ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، قوماندانلارنىڭ بۇ مەنبەلەرنى كەڭ دائىرىدە تارقىتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا بولسا، بۇ ئارىلىقتا روسىيە ئىچىدىكى يۇقىرى قىممەتلىك ھەربىي نىشانلارغا قارىتىلغان ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنى ئىزچىل ئېلىپ بارماقتا.

ئۇكرائىنا باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم كېچىدە ستاۋروپول رايونىغا جايلاشقان بۇدىئوننوۋسكىدىكى ستاۋرولېن خىمىيە زاۋۇتىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتنىڭ روسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىرىكمە ماتېرىياللاردا ئىشلىتىلىدىغان پولىمېرلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
TRT ئىسرائىلىيەگە ئالاقىدار تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن EBU يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى
ئۇكرائىنا پىلانىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى يېنىكلەتمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتى رېكورت ياراتتى
پۇتىننىڭ ھىندىستان زىيارىتى
ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
خاقان فىدان: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ»
مادۇرو ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ھۆرمەت ئاساسىدا ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئېممانۇئېل ماكرون شى جىنپىڭغا خىتاي ۋە فرانسىيەنىڭ «پەرقلەر» دىن ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ماكرون تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
خىتاي «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»