ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
مىسىر ۋە سۇدان نېمە ئۈچۈن ئېفىيوپىيە توسمىسىنىڭ سۇ بايلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؟
بۇ تۈر ئېفىيوپىيەنىڭ نىل دەرياسىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان كۆك نىل دەرياسى ئۈستىدە بۈيۈك ئېفىيوپىيە گۈللىنىش توسمىسى (GERD) ياساشقا باشلىشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى.
مىسىر ۋە سۇدان نېمە ئۈچۈن ئېفىيوپىيە توسمىسىنىڭ سۇ بايلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؟
مىسىر ۋە سۇدان نېمە ئۈچۈن ئېفىيوپىيە توسمىسىنىڭ سۇ بايلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ؟ / Reuters

ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قوشنا دۆلەتلەردە ئۇزۇندىن بۇيان ئەندىشە پەيدا قىلىپ كەلگەن كۆك نىل دەرياسى ئۈستىدىكى مىلياردلارچە دوللارلىق بۇ غايەت زور توسمىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ۋە سېنتەبىردە رەسمىي ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2011-يىلى 4 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ بىلەن باشلانغان بۈيۈك ئېفىيوپىيە گۈللىنىش توسمىسى (GERD) ئافرىقادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئېلېكتر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توسمىنىڭ كەڭلىكى 1.8 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 145 مېتىر كېلىدۇ.

ئەددىس - ئېبېيبە بۇ توسمىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېلېكترلاشتۇرۇش پىلانى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق، نىل ئويمانلىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان مىسىر بىلەن سۇدان بۇ توسمىنىڭ سۇ بايلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Nile River agreement takes effect despite opposition

پارلامېنتتا سۆز قىلغان ئابىي، بۈيۈك ئېفىيوپىيە گۈللىنىش توسمىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ۋە رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«نىل ئويمانلىقىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان قوشنىلىرىمىز مىسىر بىلەن سۇدانغا بېرىدىغان سىگنالىمىز ناھايىتى ئوچۇقتۇر. گۈللىنىش توسمىسى بىر تەھدىت ئەمەس، بەلكى ئورتاق پۇرسەتتۇر. دەرۋەقە، بۇ توسما ئىشلەپچىقىرىدىغان ئېنېرگىيە ۋە تەرەققىيات پەقەت ئېفىيوپىيەنىلا ئەمەس، پۈتكۈل رايوننىمۇ گۈللەندۈرىدۇ.»

نۆۋەتتە ئېغىر سۇ قىسلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان مىسىر بۇ توسمىنى نىل دەرياسىدىن ئالىدىغان سۇ ئۈلۈشىگە قارىتىلغان بىر مەۋجۇتلۇق تەھدىتى دەپ قارىماقتا، ھەمدە بۇ توسمىنى سۇ بىلەن تولدۇرۇش ھەمدە باشقۇرۇش توغرىسىدا چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىشىم تەلەپ قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Egypt, Ethiopia, Sudan resume talks over disputed dam

سۇدان بولسا، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆك نىل دەرياسىدىكى ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان توسمىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيەنىڭ بۇ توسمىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ھەمكارلىشىشنى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ توسما سۇدان چېگراسىدىن ئاران 10 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلگىرىكى سۆھبەتلەر مەغلۇپ بولغان ئىدى.

 ئەمما ئابىي ئەددىس - ئېبېيبەنىڭ «ئىجابىي شەكىلدە سۆھبەتكە قاتنىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ تۈرنىڭ «مىسىرغىمۇ، سۇدانغىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى» تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئورتاق گۈللىنىشكە، ئورتاق ئېنېرگىيەگە ۋە ئورتاق سۇغا ئىشىنىمىز. بىر تەرەپنىڭ گۈللىنىشى ھەممە تەرەپنىڭ گۈللىنىشى دېگەنلىكتۇر.»

 ئېنېرگىيە تۈرى

 

ئېفىيوپىيە بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدا، سۇدان چېگراسىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بۇ تۈردە 2022-يىلى فېۋرالدا ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان ئىدى.

تولۇق ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلغىنىدا، بۇ غايەت زور توسما 74 مىليارد كۇب مېتىر سۇ ساقلىيالايدۇ ۋە 5000 مېگاۋاتتىن ئارتۇق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرالايدۇ – بۇ ئېفىيوپىيەنىڭ ھازىرقى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئاشىدۇ.

 شەرقىي ئافرىقاغا جايلاشقان بۇ دۆلەت ئافرىقا قىتئەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى دۆلەتتۇر. جۈملىدىن ھازىر 130 مىليون دەپ مۆلچەرلەنگەن تېز كۆپىيىۋاتقان نوپۇسقا ئىگە ۋە ئېلېكتر ئېھتىياجى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان دۆلەتتۇر.

دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىنى توكسىز ياشايدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى