ياپونىيەدىكى ئاتوم بومبىسى قۇربانلىرى يادرو قوراللىرىنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا قىلىنغان ئاتوم بومبىسى ھۇجۇملىرىدا ھايات قالغانلارنىڭ تەخمىنەن %70 ى يادرو تەھدىتىنىڭ قايتىدىن كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ياپونىيەدىكى ئاتوم بومبىسى قۇربانلىرى يادرو قوراللىرىنىڭ قايتا ئىشلىتىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا / AP

ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان بىر راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئاتوم بومبىسى ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھايات قالغانلارنىڭ تەخمىنەن %70 ى يادرو قوراللىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىشلىتىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە، بۇ ئەندىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئوخشىغان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا قىلغان ئاتوم بومبىسى ھۇجۇملىرىنىڭ 80 – يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشقا شۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن ھايات قالغان تەخمىنەن 1500 كىشى قاتناشقان. قاتناشقۇچىلارنىڭ %68.6 ى يادرو قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش خەۋپىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي سىناش نەتىجىسىدە يەنە، قاتناشقۇچىلارنىڭ %45.7 ى ئامېرىكانى ھۇجۇملار سەۋەبىدىن «كەچۈرەلمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن، %24.3 ى «ئالاھىدە ھېس - تۇيغۇدا بولمايدىغانلىقىنى»، %16.9 ى بولسا «ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتقان.

بۇ يىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغىنىغا 80 يىل بولىدۇ.

1945 – يىلى 6 – ئاۋغۇست كۈنى خىروشىماغا تاشلانغان تۇنجى ئاتوم بومبىسى تەخمىنەن 140 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 9-ئاۋغۇستتا ناگاساكىغا تاشلانغان ئىككىنچى ئاتوم بومبىسىمۇ 70 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان.

 ياپونىيە 1945 – يىلى 15 – ئاۋغۇستتا تەسلىم بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان.