خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
ئىران ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر پەيتتە، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ھەربىي تاكتىكا سىنلىرىنىڭ تارقىلىشى ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخبارات ۋە خىتاينىڭ يوشۇرۇن ئىستراتېگىيەلىك قوللىشىغا بولغان گۇمانلارنى كۈچەيتمەكتە.
ئىران ئاسمىنىدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تۆۋەن تەننەرخلىق سىستېمىلارنى ئىشلىتىپ F-35 Lightning II ئايروپىلانىنى قانداق نىشانغا ئېلىشنى چۈشەندۈرىدىغان تېخنىكىلىق مەزمۇنلارنىڭ سانىدا كۆرۈنەرلىك كۆپىيىش بولدى. Laohushuoshijie01 ناملىق ھېساباتتىن تارقىتىلغان بىر سىندا بايقاش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي ۋە پارسچە خەتلىك چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ سىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنتايىن كۆپ كىشىگە تارقىلىپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ھېسابات مۇداپىئە تەتقىقات ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىسى بار بىر كىشىگە تەۋە ئىكەن.
سىن ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىران ئامېرىكانىڭ بىر دانە F-35 ئايروپىلانىغا تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە بىر دانە F-15E ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلدى، ئەمما ۋاشىنگتون بۇ دەۋالارنىڭ پەقەت بىرىنچىسىنىلا رەت قىلدى. ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى بۇ خىل مەزمۇنلارنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەرنى تۇغدۇردى.
بېيجىڭدىكى تەھلىلچى شېن شىۋېي مەزكۇر مەزمۇنلارنىڭ ئورگان نۇقتىئىنەزىرىنى ئەمەس، بەلكى شەخسىي قاراشلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. بىراق خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە مەركىزىدىن (CISES) تاھىر مەھمۇد ئازاد بۇنىڭ دۆلەت بايانلىرى بىلەن ماس كېلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا زىت بولمىغان، قۇرۇلمىلاشقان بىر ئۇچۇر مۇھىتىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي سۇپىلىرىدا قۇرۇلۇش ۋە STEM (تېخنىكا، قۇرۇلۇش، ماتېماتىكا) بىلىملىرىگە ئىگە ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان تېخنىكىلىق ھەربىي تەھلىللەرنى ھەمبەھرىلەش كۆپەيدى. تاكتىكا، تەقلىدىي سىناقلار ۋە ئامېرىكا ھەربىي سىستېمىلىرىنىڭ كاشىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەھلىللەر ئادەتتە رەسمىي قاناللارنىڭ ئورنىغا ئوچۇق مۇنبەرلەردە ھەمبەھرىلەنمەكتە.
ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخباراتمۇ (OSINT) بۇ جەرياندا رول ئوينىدى؛ ئىشلەتكۈچىلەر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرىلىدى. پۇقرالارنىڭ كەسپىي بىلىمى بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ بۇ خىل شەكىلدە بىرلىشىشى، زامانىۋى توقۇنۇشلاردا ھەربىي ئۇچۇرلارنىڭ مەركەزسىزلىشىۋاتقانلىقى ۋە رەقەملىك تورلار ئارقىلىق تارقىلىۋاتقانلىقىدەك چوڭ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
تاھىر مەھمۇد ئازاد رادار كېسىشمە يۈزى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇداپىئە ئاجىزلىقلىرىنىڭ تەپسىلىي تەھلىل قىلىنىشى ئاددىي ھېسسىياتلارنىڭ سىرتىدا كەسپىي بىلىم ۋە ماسلىشىش تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. جورج ماسون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن رىزا خانزادەنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىرانغا زۆرۈر بولغان قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ياردەم بېرىدىغان «مەسلىھەتچىلىككە ئوخشايدىغان شېرىكلىك»نى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قۇرۇلمىلىق بىر قوللاش سىستېمىسى سۇنماقتا.
يەنە بىر سوئال شۇكى، ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك نىشان بېكىتىش دەللىكى خىتاينىڭ تېخنىكىلىق قوللىشى، خۇسۇسەن بەيدو (BeiDou) سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ-يوق؟ تەھلىلچىلەر ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەيدو سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا، ئەمما بۇ دەۋالار تېخى دەلىللەنمىدى.
ئازاد بۇ خىل قوللاشنىڭ يول باشلاش ۋە ئالاقە ساھەسىدە ئومۇرتقىلىق رول ئوينايدىغان ئاساسىي ئەسلىھەلەردە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىسى SMIC نىڭ ئىراننىڭ ھەربىي-سانائەت ساھەسىنى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دەۋالىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك سىستېمىلارنىڭ يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تەمىنلەيدىغان سىستېمىلىق بىر قوللاش سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە تەھلىلچىلىرى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشقا ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلىشىپ قالغانلىقىغا دائىر دەۋالارنى رەت قىلماقتا. شاڭخەي خەلقئارا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن گاۋ جيەن خىتاينىڭ تەرەپسىزلىك ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا نورمال ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گاۋ جيەن خىتاينى غەربكە قارشى بىر گۇرۇھنىڭ پارچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىشنىڭ دەۋر ئۆتكۈزگەن جۇغراپىيەلىك سىياسىي چۈشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.
شېن شىۋېي ئىران بىلەن بىۋاسىتە ماسلىشىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر دەۋالارنى رەت قىلىپ، تور مۇھىتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى خىتاي دۆلىتىنىڭ ياكى خىتاي ھەربىي قوللىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ئېنىق بىر ئىسپات ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ كۆپىنچە ئۆزلۈكىدىن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارالغان بىر دۆلەتكە بولغان ھېسداشلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.