پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلگىيەدىن ئۇكرائىنا پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى بېلگىيەدىن رۇسىيەنىڭ مەبلەغلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىش پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلگىيەدىن ئۇكرائىنا پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلگىيەدىن ئۇكرائىنا پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ بېلگىيەنىڭ قوللىشىغا ۋە ئەمەلىي بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاس دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال –مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكۈزىدىغان يىغىن ھارپىسىدا بېلگىيەنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياج بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بىر نەتىجە ئالماي تۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىريۇسسېلدا يىغىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان كاللاس: «ئۇكرائىناغا بېرىلىدىغان مەبلەغ مەسىلىسىدە بىر قارارغا كەلمەي، نەتىجە ئالماي تۇرۇپ (پەيشەنبە كۈنىدىكى) يىغىندىن كەتمەيمىز. ئەڭ ئىشەنچلىك تاللاش – تۆلەم قەرز پۇلى بولۇپ، بىزنىڭ خىزمەت ئىشلەۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ» دېدى.

كاللاس تۆلەم قەرز پۇلى بەلگىلىمىسىنىڭ، باشقا بىر دۆلەتكە مۇشۇنداق زىيان سالغان ھەرقانداق كىشى ياكى دۆلەتنىڭ چوقۇم تۆلەم تۆلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ھەققىدە «ئوچۇق - ئاشكارا سىگنال» بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بېلگىيە بولمىسا، بۇ ئىش ئانچە ئاسانغا توختىمايتتى، چۈنكى مال – مۈلۈكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ قولىدا ۋە ئۇلارنىڭمۇ بۇ ھەپتە قارار چىقىرىش يىغىنىغا قاتنىشىشى مېنىڭچە مۇھىمدۇر.»

ئۇرۇش توختىتىش ئېھتىماللىقى ۋە تىنچلىق رامكىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقاندا، كاللاس ئۇكرائىنا ئۈچۈن «ئېنىق» بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇلار قەغەز يۈزىدىكى ۋەدە ياكى قۇرۇق سۆز بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى قوغدىيالىشى ئۈچۈن ھەقىقىي ئەسكەرلەر، ھەقىقىي ئىقتىدارلار بولۇشى لازىم.»

موسكۋانىڭ «ئاخىرقى نىشانى»

كاللاس رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونباستىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ موسكۋانىڭ «ئاخىرقى نىشانى» ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئەگەر دونباسنى قولغا كىرگۈزسە، قەلئە يىقىلىدۇ، ئۇ چاغدا مۇقەررەر ھالدا پۈتكۈل ئۇكرائىنانى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.»

كاللاس يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تىنچلىق چاقىرىقى قىلىپ، «ھۇجۇم قىلغۇچىنى تىنچىتىشقا قارىتىلغان ھېچقانداق تىرىشچانلىق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئەگەر تاجاۋۇزچىلىق مۇكاپاتلانسا، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپىنى كۆرىمىز. بىز بۇنى تارىختا كۆردۇق، بۇ ناھايىتى مۇھىم؛ جاۋابكارلار سادىر قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن چوقۇم  ھېساب بېرىشى لازىم» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىناغا قەرز بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش پىلانلىرى توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بېلگىيە، ۋېنگىرىيە، چېخىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق بەزى ئەزا دۆلەتلەر، مال - مۈلۈكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروكلېيىر (Euroclear) دا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قانۇنىي جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيەنىڭ مال - مۈلۈكلىرى

رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى (ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى ئىشلىتىش) پىلانىنى قانۇنسىز دەپ ئاتىدى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىپ قويۇش» قارارى چىقاردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بولسا 18-19 - دېكابىر كۈنلىرى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا بۇ مەبلەغلەرنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئاجرىتىلىپ – ئاجرىتىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، بىر موسكۋا سوتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ بېلگىيەدىكى قىممەتلىك بايلىقلارنى ساقلاش ئورگىنى ياۋروكلېيىر (Euroclear) ئۈستىدىن 18 تىرىليون 200 مىليارد رۇبلى (229 مىليارد 360 مىليون دوللار) مىقدارىدا سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروكلېيىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان مال - مۈلۈكلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى قولىدا تۇتماقتا.

سوتقا سۇنۇلغان بۇ ئەرز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەبلەغلەرنى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش پىلانىغا قارشى چىقىش ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيەنىڭ پايدىسىغا تېز قارار چىقىشى ۋە بۇ قارارنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئىجرا قىلىنىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى