بەھرەيننىڭ پايتەختى مانامادا، بۇ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللەتىف ئەززەييانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 168-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە كېڭەشنىڭ باش كاتىپى جاسىم ئەلبۇدەيۋى قاتناشتى.
يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە باياناتىدا، ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك، تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە پاراۋانلىققا تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۇلارغىمۇ قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى. ھۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا ئېرىشىشىگە يول ئاچىدىغان بارلىق ياردەمنى توختىتىش چاقىرىقىمۇ باياناتقا ئىلاۋە قىلىندى.
يىغىندا رايوندىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى. يېپىلىش باياناتىدا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەگە قايتىشقا، ھورمۇز بوغۇزىدا پاراخوت قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىلدى. كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇشىمۇ تەلەپ قىلىندى.
باياناتتا، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئىيوردانىيەگە بىۋاسىتە ياكى ئىران قوللايدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارقىلىق قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىق تەكىتلىنىپ، بىر ئەزا دۆلەتكە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.




















