خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ  تىزىملىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قورشاۋ ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن پىلاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدىكى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قىسمى بولغان «غەززە تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىمدىن چىن دىلىمدىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ۋە كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ يەنە: «شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ كېڭەش ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا قۇرۇلغاندىكىدىنمۇ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ نوپۇزلۇق كېڭەشتۇر» دېدى.

مەزكۇر كېڭەشنىڭ قۇرۇلۇشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىن غەززەنىڭ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان 15 ئەزالىق پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار كومىتېتى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمەلگە ئاشتى. كومىتېت ترامپ رىياسەتچىلىك قىلىدىغان تىنچلىق كېڭىشىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

بۇ پىلان يەنە، غەززەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشەنچلىك پەلەستىن ساقچى قىسىملىرىنى تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايوندا «خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى» نى ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن باسىم نائىم پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا: «ئەمدى مەسىلە مۇرەسسەچىلەر، كاپالەتچى بولغان ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەيدانىدا؛ چۈنكى كومىتېتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلارغا باغلىق» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلىشلىرى

ئامېرىكا قوللاۋاتقان غەززە تىنچلىق پىلانى ئالدى بىلەن 10-ئۆكتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ،  بۇ پىلان ھاماس تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئەسىرلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى زېمىنلاردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. بىراق، شۇ كۈندىن باشلاپ ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە يۈزلەرچە پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىدۇر. بۇ قەدەم پىلانغا كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما تەپسىلىي ۋاقىت جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 71 مىڭ 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 171 مىڭ 300 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. تەتقىقاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان بۇ رايوندىكى ئەمەلىي ئۆلۈم سانى 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىسرائىلىيە 10-ئۆكتەبىردە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە داۋاملىق خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 451 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 1200 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ