خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە لىۋانغا قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 450 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىدۇ
ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش ئورگىنى KAN نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زاپاس ئەسكەرلەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىش لايىھەسىنىڭ پات يېقىندا مىنىستىرلار كابېنتى ۋە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ھەم مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.
ئىسرائىلىيە لىۋانغا قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 450 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىدۇ
ئىسرائىلىيە يەنە جەنۇبىي لىۋاندىكى بىخەتەرلىك رايونىنى كېڭەيتىشنى ئويلاشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي چېگرا بويىدىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ. / Reuters

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ لىۋاندا ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى تەييارلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، 450 مىڭغىچە زاپاس ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلىشنى پات يېقىندا تەستىقلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش ئورگىنى KAN بۇنچە كۆپ ساندىكى خادىمنىڭ سەپەرۋەر قىلىنىشىنىڭ لىۋاندىكى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېھتىماللىقىغا قارىتىلغان ھەربىي تەييارلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. لېكىن مەزكۇر تارقىتىش ئورگىنى بۇ ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، تەكلىپنىڭ پات يېقىندا مىنىستىرلارنىڭ ۋە ئىسرائىلىيە پارلامېنتى كنېسسېتنىڭ تاشقى ئىشلار ھەم مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر تارقىتىش ئورگىنى يانۋار ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت قارارىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، زاپاس ئەسكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن نۆۋەتتە بەلگىلەنگەن يۇقىرى چەكلىمىنىڭ تەخمىنەن 260 مىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، يەنى يېڭى تەلەپنىڭ نۆۋەتتىكى چەكلىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تەرەققىياتلار ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلاش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىش يوللىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان شۇنداقلا لىۋان بىلەن بولغان جىددىيچىلىك بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر شارائىتتا مەيدانغا كەلدى.

ئىشغالنى كېڭەيتىش

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ يېقىندا لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى، خۇسۇسەن ھىزبۇللاھ جەڭچىلىرىنىڭ ئۆتۈش يولى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن لىتانى دەرياسى ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈككە زەربە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي چېگرا ۋەزىيىتى ھەققىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىتەرەپ رايوننى كېڭەيتىشنىمۇ ئويلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىرانغا قارشى يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ئۇرۇشنى قوزغىدى. قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامەنېي ۋە باشقا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بار.

ئىران بولسا، ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن زەربە بېرىش، شۇنداقلا ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. بۇ ئەھۋال ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش تالاپىتىگە ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەەب بولدى. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بۇ ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

ھىزبۇللاھ 2-مارت كۈنى، 2024-يىلى نويابىردىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە خامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ قىساسىنى ئېلىش دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە ھەربىي ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە بولسا شۇ كۈنىلا ھۇجۇملىرىنى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىغا ھەمدە لىۋاننىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا كېڭەيتتى؛ 3-مارت كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى