سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ناتو: تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ياۋروپا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىنىشى كېرەك
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې: «تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. بىز بەزىدە ئۇلارنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز».
ناتو: تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ياۋروپا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىنىشى كېرەك
/ Anadolu Agency

ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ساھەنىڭ ئەنگلىيە، نورۋېگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى لاھەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو ئاممىۋى مۇنبىرىدە سۆز قىلغان رۇتتې: «تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە. بىز بەزىدە ئۇلارنىڭ نېمىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. مەن ئۇلارنىڭ بەزى شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلدىم، ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن» دېدى.

رۇتتې سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئاساسىنىڭ ئەنگلىيە، نورۋېگىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىچ باغلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

رۇتتې دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىق رامكىلىرى سەۋەبلىك ئىتتىپاق ئىچىدە ئىچكى نىزا پەيدا قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ناتو ئىچىدە بۇنداق توسالغۇلارنىڭ بولۇشىغا يول قويمايلى. بۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى.

ناتونىڭ 32 ئەزا دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى 24-ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى لاھەيدە بىر يەرگە كېلىپ، ھالقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. يىغىندا ئېشىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز