ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالېكساندىر ستۇبقا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

By
ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان بىلەن فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ستۇب چارشەنبە كۈنى تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەنقەرەنىڭ خېلسىنكى بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيقان.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئىلگىرى ئىسپاتلانغانلىقىنى ۋە بىر دىپلوماتىك سۇپا ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەتتە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ئەردوغاننىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، رايوندا مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرى بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى ھەمدە پىرېزىدېنت ستۇبقا فىنلاندىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان يەنە ھەر يىلى 6-دېكابىردا تەبرىكلىنىدىغان فىنلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت ستۇبنى تەبرىكلىگەن.