سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي خەلقئارالىق جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە رۇسىيە ۋە ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالدى
ئىككى ئەشەددىي دۈشمەن دۆلەت ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 12 كۈنلۈك توقۇنۇشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى چىڭداۋدا بىر يەرگە جەم بولدى.
خىتاي خەلقئارالىق جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە رۇسىيە ۋە ئىران مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالدى
/ Reuters

پەيشەنبە كۈنى، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ناتونىڭ ياۋروپادىكى ئەزالىرىنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇش قارارى چىقىرىلغان يىغىن ھارپىسىدا، خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى چىڭداۋ شەھىرىدە ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالدى.

بېيجىڭ ئۇزۇندىن بۇيان 10 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى غەرب يېتەكچىلىكىدىكى كۈچلەر ئىتتىپاقىغا قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى بىر كۈچ سۈپىتىدە نامايان قىلىشقا ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، بىخەتەرلىك، سودا ۋە پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىغىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) رەھبەرلىرىنىڭ لاھەيدە ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا ناتو ئەزالىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغانىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دۇڭ جۈن پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇھىم دېڭىز ئارمىيە بازىسى جايلاشقان چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا «قالايمىقانچىلىق ۋە مۇقىمسىزلىق» قاپلىغان دۇنياغا قارشى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بىر كۈچ دەپ باھا بەردى.

«تارىخىي بۇرۇلۇش»

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى رۇسىيە، ئىران، پاكىستان، بېلارۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى كۈتۈۋالغان دۇڭ جۈن سۆز قىلىپ: «ئەسىرلىك چوڭ ئۆزگىرىشلەر تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىر تەرەپلىمىكلىك ۋە قورۇقچىلىق يۈكسەلمەكتە» دېگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «زومىگەرلىك، ھۆكۈمرانلىق ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرى خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە» دېگەن ۋە مەنسەپداشلىرىنى «تىنچ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قەدەم تاشلاش»قا چاقىرغان.

يىغىن جەريانىدا دۇڭ جۈن بىلەن كۆرۈشكەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوئۇسوف ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكى»نى تەكىتلىگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

گەرچە خىتاي ئۆزىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەت دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، غەرب ئەللىرى بېيجىڭنىڭ موسكۋاغا قاراتقان زىچ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك قوللىشىنىڭ (ئۇرۇشتا) ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى