خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇدا 14 كۈندىن بۇيان تاقىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان كىرىزىسنى ھەل قىلىش نىشان قىلىنغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىدى / Reuters Archive

سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا، كېڭەش پالاتاسى ھۆكۈمەتنى 21-نويابىرغىچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى. 49 ئاۋازغا قارشى 45 ئاۋازغا ئېرىشكەن قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن 60 ئاۋازغا ئېرىشىشى شەرت ئىدى.

ھەر ئىككى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىر-بىرىنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ماقۇللىنىشى ئۈچۈن 60 ئاۋازغا ئېرىشىشى شەرت بولغان قانۇن لايىھەسىنى كۆپ ساندىكى دېموكراتىلار ۋە بىرنەچچە جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى. دېموكراتىك گۇرۇپپا ئىچىدىكى نېۋادا پالاتا ئەزاسى كاتېرىن كورتېز ماستو ۋە مايىنېدىن مۇستەقىل پالاتا ئەزاسى ئانگۇس كىڭ، قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى راند پائۇل قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى. بۇ ئەھۋال جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كەم دېگەندە سەككىز دېموكرات پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى جون تۇنېمۇ «قايتا قاراپ چىقىش تەكلىپى» سۇنۇش ئۈچۈن «رەت قىلىپ» ئاۋاز بەردى.

بۇرۇنقى بېلەت تاشلاشلاردا قانۇن لايىھەسىنى قوللىغان دېموكرات پالاتا ئەزاسى جون فېتتېرمان، سەيشەنبە كەچتىكى بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىدى.

 ئىقتىسادىي  جەھەتتىن بىر ئىزدا توختاپ قېلىش

 ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى بىۋاسىتە زور ئىقتىسادىي كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئامېرىكادا كۈندىلىك ھاياتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئېغىر قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىقسىزلىقنى ئاشۇرماقتا.

نۇرغۇن فېدېراتسىيە خىزمەتچى خادىملىرى يا مائاشسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا ياكى تاكى يېڭى خامچوت لايىھەسى ماقۇللانغانغا قەدەر مەجبۇرىي دەم ئېلىشقا چىقىرىلماقتا. ھەر بىر فېدېراتسىيە ئورگىنىنىڭ قايسى خىزمەتچىلىرنىڭ «ھالقىلىق» ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۆزىنىڭ تاقىلىش پىلانى بار.

ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالغان 1-ئۆكتەبىردىن بۇيان، ترامپ ھۆكۈمىتى 4108 خىزمەتچى خادىمنى ئىشتىن بوشاتتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ  ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن تاقىلىدىغان دېموكراتىك پىروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى