خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا بىر زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرى بىلەن ئىراننى قويۇق بومباردىمان قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا بىر زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا بىر زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنى ئۆلتۈردى / Reuters

ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلىپ، كېمىدىكى تۆت كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي قوماندانلىق ئىتتىپاقى (Southcom) چارشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، مەزكۇر كېمىنىڭ «كارىب دېڭىزىدىكى مۇئەييەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرى بويىچە سەپەر قىلغانلىقى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، «بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تۆت نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى. ھېچقانداق ئامېرىكا ئەسكىرى زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ شەرق تەرىپىدە ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم بىلەن بىرگە ئلاتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ ئاز دېگەندە 163 كە يەتتى.

ئامېرىكا پىرېزېدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، دۆلىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزلىرى «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىلىرى» دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىراق ترامپ ھۆكۈمىتى ھۇجۇم  نىشانى قىلغان كېمىلەرنىڭ ھەقىقەتەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىغا ئائىت ئىنتايىن ئاز پاكىت كۆرسەتتى.

تەنقىدچىلەر كېمە ھۇجۇملىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قانۇنىيلىقى ۋە ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىپ، بۇلارنىڭ سوتسىز ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا.

كېمىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىرانغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلەرگە دىققەت مەركەزلەشتۈرگەن بىر پەيتتە، لاتىن ئامېرىكىسىدا داۋاملاشماقتا. 82-ھاۋا ئارمىيە تۈەنىدىن قوشۇمچە دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ رايونغا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار