سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافىنانى تۈركىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «تۈركىيەگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە پىلانىغا قاتنىشىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافىنانى تۈركىيە ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «تۈركىيەگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن گرېتسىيەگە تۈركىيە مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس (Kaja Kallas) گىرېتسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «Ta Nea»غا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولۇپمۇ مۇداپىئە ساھەسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كايا كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 150 مىليارد ياۋرولۇق مۇداپىئە پىلانى بولغان «SAFE»قا تۈركىيەنىڭ قاتنىشىشىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقان گىرېتسىيەگە قاراتقان ئاگاھلاندۇرۇش تۈسىدىكى سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركىيە بىلەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. مۇداپىئە ساھەسىگە كەلسەك، تۈركىيەنىڭ ‹SAFE› پىلانىغا قاتناشماسلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ناتودا ئورۇن ئالماقتا ۋە تۈركىيە ئۇ يەردىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.»

كاللاس گىرېتسىيە گېزىتى مۇخبىرىنىڭ «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىككى دۆلەتكە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى» توغرىسىدىكى قۇترىتىش خاراكتېرلىك سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ياۋروپانىڭ دەل مۇشۇ خىل مۇداپىئە ساھەسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى قايتا ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ