خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ۋاتىكان باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى
كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە ۋاتىكان رەھبىرى پاپا فرانسىس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى زۇلۇم دېيىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ۋاتىكاننىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.
00:00
ئىسرائىلىيە ۋاتىكان باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى
#NMQ70 : ۋاتىكان پاپاسىنىڭ ۋاتىكان زاۋودخانا ۋە ۋاتىكان ھۆكۈمىتى ئىشچىلىرىغا قىلغان تىلىكى

ئىسرائىلىيەنىڭ «يەدىئوت ئاخرونوت گېزىتى»، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاتىكاننىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نونىنسىئو ئادولفو يىلانانى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ پاپانىڭ تەنقىدىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كاتولىكلارنىڭ مەنىۋى داھىيسى ۋە ۋاتىكان رەھبىرى پاپا فرانسىس 22-دېكابىر ئەنئەنىۋى يەكشەنبە دۇئاسى جەريانىدا سۆز قىلىپ: «چوڭقۇر ئازاب ئىچىدە غەززە ھەققىدە ئويلىنىمەن؛ شۇنچە كۆپ زۇلۇم، پىلىموتلار بىلەن ئېتىلىۋاتقان بالىلار، بومباردىمان قىلىنغان مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلار... نەقەدەر ئېغىر زۇلۇم» دېگەنىدى.

ئۇ 21 –دېكابىردىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلىپ: «تۈنۈگۈن ئۇلار ئىلگىرى رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، پاتىريارك (كاردىنال پىئېرباتىستا پىزابالا) نىڭ غەززەگە كىرىشىگە يول قويمىدى، تۈنۈگۈن بالىلار بومباردىمان قىلىندى. بۇ ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى زۇلۇم. مېنىڭ بۇ گەپنى دېگۈم بار، چۈنكى ئۇ يۈرەكلەرنى داغلىماقتا» دېگەنىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023- يىلى7 -ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 17 مىڭ 492 سى بالا ۋە 11 مىڭ 979 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 45 مىڭ 361 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 107 مىڭ 803 كىشى يارىلاندى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا يەنە مىڭلارچە ئادەمنىڭ جەسىتى بار ئىكەن، ئىسرائىلىيە پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن سەۋەبىدىن 17 مىڭ 500 كىشى كۆچۈرۈلدى
نىگېرىيەدە نېفىت ئوغرىلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان 43 كىشى ئۆلدى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
رۇسىيە: ئىراننىڭ «س-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈنۈملۈك ئىشلىمەكتە
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئوق-دورا قاچىلانغان ئاپتوموبىل پارتلاپ ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ب د ت: نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 43 مىڭ ئايال ۋە قىز بالا ياردەمگە مۇھتاج
نىيۇ يوركتىكى تايمىس مەيدانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلغان ئايال ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى بىشكەكتە باشلاندى
ئامېرىكا ئىراققا 800 مىليون دوللارلىق قورال سېتىشنى تەستىقلىدى
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
نېپالدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 900 دىن ئېشىپ كەتتى
ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ روستوۋ رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى