ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرى ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي داۋاملاشماقتا
شاھىتلار ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خان يۇنۇس، رەفاھ ۋە غەززە رايونلىرىنى توپقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرى ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي داۋاملاشماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرى ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي داۋاملاشماقتا / AP

10-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، شاھىتلار چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى بىرنەچچە رايوننى توپقا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى خان يۇنۇسنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھنىڭ شىمالىدىكى موراگ كارىدورى ئەتراپىنى توپقا تۇتقان.

غەززەنىڭ مەركىزىدە بولسا، ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن دەير ئەلبەلەخ شەھىرىگە شەرقىي شىمال تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن، ئاندىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن رايوندىكى شىددەتلىك ئوق ئاۋازلىرى ئارىسىدا قېزىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئىسرائىلىيە توپچى قىسىملىرى يەنە غەززەدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ شەرقىي قىسىملىرىنىمۇ توپقا تۇتقان.

ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرچە ئۇچۇر يوق

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىلغاىندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 393 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1074 كىشى يارىلانغان.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 70 مىڭ 700 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇرغان ۋە رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى