خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ»
دونالد ترامپ ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ «تەرتىپلىك ۋە ئىجابىي» بىر لىنىيەدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغۇچە قامالنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ»
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ» / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى Truth Social ھېساباتىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان، تەستىقلانغان ۋە ئىمزالانغانغا قەدەر قامال تولۇق كۈچى بىلەن داۋاملىشىدۇ. ئىككى تەرەپمۇ ۋاقىتتىن توغرا پايدىلىنىشى ۋە ئىشنى توغرا قىلىشى كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «خېلىلا كەسپىي ۋە ئۈنۈملۈك» ھالغا كەلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرۈپ، تېھراننىڭ يادرولۇق قورال تەرەققىي قىلدۇرماسلىقى ياكى ئۇنىڭغا ئېرىشمەسلىكى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە «قوللاش ۋە ھەمكارلىق» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان ترامپ، «ئىبراھىم كېلىشىمى» گە تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىش بىلەن ئالاقىنىڭ كۈچلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئىراننىڭمۇ بىر كۈنى بۇ رامكىغا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ 2015-يىلدىكى ئىران يادرو كېلىشىمىنى «تۈزۈلگەن ئەڭ ناچار كېلىشىملەرنىڭ بىرى» دەپ سۈپەتلەپ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنى يادرو قورال تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بارىدىغان يولنى ئېچىپ بەرگەن، نۇقسانلىق بىر كېلىشىم تۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Here is what we know about possible US-Iran deal

«ياخشى ۋە جايىدا» كېلىشىم

ترامپ ئىران بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ «تېخىمۇ ياخشى» ئىكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر تاكتىكىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مۇساپىنىڭ تېھراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىنى توسىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى Truth Social دىكى ئۇچۇرىدا، ئىران بىلەن تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان كېلىشىمنىڭ، سابىق پىرېزىدېنت ئوباما دەۋرىدە ھاسىل قىلىنغان ۋە تېھراننى «غايەت زور مىقداردا نەق پۇل» ھەمدە «يادرولۇق قورالغا ئېلىپ بارىدىغان ئوچۇق بىر يول» بىلەن تەمىنلىگەن 2015-يىلدىكى كېلىشىمگە تامامەن ئوخشىمايدىغان شەكىلدە «ياخشى ۋە جايىدا كېلىشىم» بولىدىغانلىقىنى يازدى.

نۆۋەتتىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ «بۇنىڭ تامامەن ئەكسىچە» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ، كېلىشىمنىڭ تېخى تولۇق مۇزاكىرە قىلىنىپ بولالمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ سۆھبەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا قارىتىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ مۇساپە توغرىسىدا «ھېچنەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتتى ۋە ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش «ناچار كېلىشىملەر» نى تۈزمەيدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ جەرياندا ئىران تاراتقۇلىرى، يەكشەنبە كۈنى ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان بىر ئورتاق كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يېرىم رەسمىي تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى: «بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان بەزى سۆھبەتلەرگە قارىماي، ئامېرىكانىڭ، ئىراننىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنىڭ بەزى ماددىلىرىغا قاراتقان توسالغۇلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Can Israel spoil any potential US-Iran deal?
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ