خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بوتسۋانا مۇستەقىللىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
ئافرىقا دۆلىتى بوتسۋانا ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن تەبرىكلىدى.
بوتسۋانا مۇستەقىللىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى
بوتسۋانا پرېزىدېنتى دۇما بوكو

پايتەخت گابورونېدىكى مېين مول رايونىدا «چىدامچانلىقنى كۈچەيتىش، پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

پىرېزىدېنت دۇما بوكو پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، بوتسۋانا خەلقىنى دۆلەتنىڭ 60 يىللىق مۇساپىسىنى باھالاش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ چىدامچان ۋە پاراۋان كەلگۈسى بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.

بوكو دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى دېموكراتىيە، بىرلىك، تەرەققىيات، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ۋە بوتسۋانا مەدەنىيىتىدىكى «بوتو» (Botho) چۈشەنچىسى ئاساسىدا بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا مەدەنىيەت نومۇرلىرى، فېستىۋاللار، كۆرگەزمىلەر ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

بوتسۋانانىڭ ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولۇشى

بوتسۋانا 1965-يىلى ئەنگلىيەدىن ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1966-يىلى 30-سېنتەبىر مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. سېرېتسې خاما دۆلەتنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى بولدى.

مۇستەقىللىقتىن بۇيان دۆلەتنى باشقۇرۇپ كەلگەن بوتسۋانا دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ (BDP) 58  يىللىق ھاكىمىيىتى 2024-يىلى 30-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ئاخىرلاشقانىدى.

دۇما بوكو يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىش بىرلەشمىسى (UDC) پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ، بوكو دۆلەتنىڭ 6-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولغانىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى