پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
5 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ھوقۇقى كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كۈرەشنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى...
تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ھوقۇقى كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
Türkiye-Libya maritime jurisdiction areas

شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايون دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كۈرەشنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. گىرېتسىيەنىڭ ئاراللارغا تولۇق دېڭىز ھوقۇقى بېرىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىنى تارايتىشقا قارىتىلغان ئاساسسىز قاراشلىرى بۇ كۈرەشتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەنقەرە رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك رېئاللىقى ۋە تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قۇرۇقلۇقتىكى ئۇزۇن دېڭىز قىرغاقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بۇ خىل قاراشنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئادىللىق پىرىنسىپىغا زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

تۈركىيە بىلەن لىۋىيە 2019-يىلى 27-نويابىر ئىستانبۇلدا ئىمزالىغان كېلىشىممۇ بۇ تالاش-تارتىش دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بىر چېگرا ئايرىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاقدېڭىزدىكى ماتېرىك يان تەكچىسى ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون چېگراسىنىڭ بىر قىسمىنى بەلگىلىگەن بۇ كېلىشىم، لىۋىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى تەستىقى بىلەن قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئۇنداقتا، بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەتكە نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ تۈركىيە ئۈچۈن نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ پارلامېنتنىڭ تەستىقى دېڭىز ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

***

چاناققەلئە ئون سەككىزىنچى مارت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۇفۇق نەجات تاشچىنىڭ قارىشىچە، بۇ كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقى شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئادىل تەقسىملەش قارىشىنى ئەمەلىي بىر كېلىشىمگە ئايلاندۇرغانلىقىدا ئىكەن.

ئۇنداقتا، ئادىل تەقسىملەش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەشەببۇس قىلىۋاتقان قارىشىنىڭ ئاساسى شۇكى، چېگرا بەلگىلىگەندە رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكلىرى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئادىل نەتىجىگە ئېرىشىش كېرەك. تاشچى تۈركىيە – لىۋىيە كېلىشىمىنىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىن باھالايدۇ.

تاشچى بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيەنى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەڭلىمىلەردىن چەتتە قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلارغا جاۋاب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تاشچىنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە لىۋىيە ئۈچۈنمۇ دېڭىزدىكى ھوقۇقلىرىنى قوغداش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ چېگرا بەلگىلەشتە كرىت، كەرپە، كاشوت ۋە رودوس ئاراللىرىغا تولۇق تەسىر كۈچى بېرىش قارىشىنىڭ لىۋىيەنىڭ دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىنى تارايتىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:

«بۇ پەقەت لىۋىيەلا ئەمەس، مىسىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن كېلىشىم تۈزسە، تېخىمۇ كەڭ دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن دىپلوماتىك مۇۋەپپەقىيەتتۇر. لىۋىيە بۇنىڭ بىلەن گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىدىن، مەسىلەن، كرىت، كەرپە، كاشوت ۋە رودوس ئاراللىرىغا تولۇق ماتېرىك يان تەكچىسى ھوقۇقى بېرىش قارىشىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان زىيانلارنىڭ ئالدىنى ئالدى».

***

ئەنقەرەنىڭ ئۇچۇرى ئېنىق: ئورتاق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەر

تۈركىيەنىڭ تەستىق قارارى ھەققىدىكى باياناتىدىمۇ ئوخشاش نۇقتىلار گەۋدىلىنىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قارارنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق كېلىشىمنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ئادىللىق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇرانمۇ بۇ قارارنى ئورتاق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرنى قوغداش، دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىنى ئادىللىق ئاساسىدا بەلگىلەش ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن باھالىدى.

تاشچى بولسا، كېلىشىمنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىملىقىنى، دۆلەتنىڭ دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىنى تارايتىدىغان قاراشلارغا قارشى بەلگىلەنگەن چېگرا ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ تۈركىيەنى ئانتاليا قولتۇقىغا قىستاپ قويۇشقا قارىتىلغان قاراشلارغا قارشى، لىۋىيە بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بىر چېگرا سىزىقىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىگە دىققەت تارتىدۇ.

بۇ ئۇسۇلنىڭ باشقا قىرغاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان سۆھبەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن تاشچى، كېلىشىمنى رايونلۇق دىپلوماتىيەنىڭ قوراللىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ.

كېلىشىمنىڭ ئاز تىلغا ئېلىنىدىغان ماددىسى...

كېلىشىمنىڭ مۇھىملىقى خەرىتىدىكى چېگرا سىزىقى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇنىڭ تۆتىنچى ماددىسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى دېڭىز چېگرالىرىنى بەلگىلەش سۆھبەتلىرىگىمۇ ئالاقىدار بىر بەلگىلىمە بار.

بۇنىڭغا ئاساسەن، تەرەپلەردىن بىرى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارسا، ئاخىرقى كېلىشىمگە كېلىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر تەرەپكە مەلۇمات بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېڭىشىدۇ.

ئوخشاش ماددىدا يەنە بىر تەرەپنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدىن يەنە بىر تەرەپنىڭ رايونىغىچە سوزۇلغان تەبىئىي بايلىقلار بايقالسا، بۇ بايلىقلارنى ئېچىش ئۇسۇلى توغرىسىدا كېلىشىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقىمۇ يول قويۇلغان.

دېمەك، كېلىشىم چېگرا بەلگىلەش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە بايلىق ساھەسىدە ھەمكارلىشىشنىڭمۇ بىر رامىكىسىنى يارىتىدۇ.

***

سەددام ھەفتەر: كېلىشىم تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر ئىستىقبال پىلانىنىڭ بىر قىسمى

لىۋىيە تەرەپنىڭ باياناتلىرىدىمۇ دېڭىزدىكى ھوقۇقلار بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى سەددام ھەفتەر تەستىق قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېلىشىمنى دۆلىتىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھوقۇقلىرى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدىغان قوراللارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ 20-ئۆكتەبىردە لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە ۋە سەددام ھەفتەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ قارارى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشى بولسا 21-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، تەستىق قارارىنى دۆلەتنىڭ دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدىكى ئىجابىي قەدەم دەپ باھالىدى. كېڭەش يەنە ئالاقىدار قانۇنىي رەسمىيەتلەرنى تاماملاش ۋە ھوقۇقلۇق ئورگانلار ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

تاشچى بۇ ئەھۋالنى تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ بارلىق تەرەپلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ:

«تۈركىيەنىڭ ‹بىر پۈتۈن لىۋىيە› سىياسىتىنىڭ لىۋىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ، بولۇپمۇ خەلىفە ھەفتەر ۋە ئوغۇللىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى شەرق تەرەپ بىلەن پارلامېنتنىڭمۇ تۈركىيەنى مۇقىملىق يارىتىدىغان بىر كۈچ دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى ئەمەلىي قەدەملەر

تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرىنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە، ئايرىم ئىجازەتنامىلەر ۋە سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىقمۇ ئىلگىرىلىمەكتە. لىۋىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقىنىڭ 2025-يىلى 25-ئىيۇندىكى باياناتىغا قارىغاندا، تۈركىيە نېفىت شىركىتى (TPAO) بىلەن لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۆت دېڭىز رايونىدا گېئولوگىيەلىك ۋە گېئوفىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ دائىرىدە 10 مىڭ كىلومېتىرلىق ئىككى ئۆلچەملىك سېيسمىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار 2026-يىلى 12-فېۋرال، تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ لىۋىيەدىكى خېرىدار چاقىرىشتا بىرى دېڭىزدا، يەنە بىرى قۇرۇقلۇقتا بولغان ئىككى بۆلەكتە ئىجازەتنامە ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئىسپانىيەنىڭ رېپسول شىركىتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان بۇ رايونلاردا %40 پايغا ئىگە بولىدۇ. دېڭىز رايونىدىكى شېرىكلەر ئارىسىدا ۋېنگىرىيەنىڭ MOL شىركىتىمۇ بار. بۇرغىلاش باسقۇچىغا ئۆتۈش بولسا ئىجازەتنامە، تېخنىكىلىق خىزمەتلەر ۋە مەبلەغ سېلىش قارارلىرىغا باغلىق.

تەستىق قارارى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئاخىرقى قارار 2019-يىلىدىن بۇيان كۈچكە ئىگە بولغان كېلىشىمگە لىۋىيەدىكى ئورگانلارنىڭ قوللىشىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ تەرەققىيات ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز ھوقۇق دائىرىلىرى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم.

تاشچىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى نەق مەيداندىكى مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇشى، لىۋىيەنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىدا ئۈنۈملۈك بولغان. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ھەمكارلىقنىڭ لىۋىيەنىڭ بىرلىكى، بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىلگىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى مۇرەسسەچىلىكىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز
شىمالىي كورېيەنىڭ چېگراغا 960 مىڭ مىنا كۆمگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئەنگلىيەدىن كىرىزىسلەرگە قارشى تەييارلىق كۆرۈش چاقىرىقى
دۇنيا چېلىشىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئەتە قازاقىستاندا باشلىنىدۇ