ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە قورال سېتىپ بېرىدۇ
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قىممىتى 111 مىليون 800 مىڭ دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە قورال سېتىپ بېرىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ئامېرىكادىن كىچىك دىئامېتىرلىق بومبا سېتىۋالىدۇ. سۈرەت: ئا ف پ. (ئارخىپ) / AFP

جەنۇبىي كورېيە ھەربىي تەييارلىقنى كۈچەيتىش ۋە رايوندىكى يوشۇرۇن تەھدىتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكادىن 624 دانە كىچىك دىئامېتىرلىق بومبا سېتىۋالىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى (Defense Security Cooperation Agency)  نىڭ جۈمە (2025-يىلى 5-دېكابىر) كۈنىدىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلگىنىدەك، جەنۇبىي كورېيەگە قىممىتى 111 مىليون 800 مىڭ دوللار بولغان قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى جەنۇبىي كورېيەنىڭ قوشۇمچە 624 دانە «GBU-39/B» تىپلىق كىچىك دىئامېتىرلىق بومبا سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ بومبىلارنى كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارغا يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن تاشلىغىلى بولىدىغان بولۇپ، تانكا ۋە بىرونىۋىكلارنى ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قېتىمقى قورال-ياراغ سېتىش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سىياسىي مۇقىملىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم كۈچى ھېسابلىنىدىغان بىر چوڭ ئىتتىپاقداشنىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك نىشانلىرىنى قوللايدۇ.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۇ بومبىلار جەنۇبىي كورېيەنىڭ ‹نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشى ۋە رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىلەن راۋان ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»

جەنۇبىي كورېيەگە سېتىلىدىغان قورال-ياراغلار ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى «بويىڭ»(Boeing)  تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، سېتىش-سېتىۋېلىش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇمچە خادىملىرى ياكى ھۆددىگەرلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە ئەۋەتىلىشىگە كېرەك يوق ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US to work closely with South Korea on nuclear submarines — Pentagon
ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى