سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مۈلۈكلىرىنى مۇددەتسىز توڭلاتتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ 246 مىليارد دوللارلىق مۈلكىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىش» قەدىمىنى تاشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ مۈلۈكلىرىنى مۇددەتسىز توڭلاتتى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاس. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ مۈلكىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىش» پىلانىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاس (Kaja Kallas) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپادىكى رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىش» نى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

كاللاس جۈمە (2025-يىلى 12-دېكابىر) كۈنى ئېكس  (X)  تە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى مۇددەتسىز توڭلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار، رۇسىيە ئوكرائىناغا كەلتۈرگەن زىيان ئۈچۈن تولۇق تۆلەم تۆلىمىگۈچە، 210 مىليارد ياۋرو (تەخمىنەن 246 مىليارد دوللار) غىچە بولغان رۇسىيە مەبلىغىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇپرىقىدا قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن بۇ قارارنى قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ رۇسىيەگە «كۈچلۈك سىگنال» بېرىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇرۇش داۋاملاشقانسېرى رۇسىيە تۆلەيدىغان بەدەلنىڭمۇ داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئېكس  بېتىدە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىردىكى ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا، رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلىمىگۈچە رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ھالىتىدە ساقلاشقا ۋەدە بەرگەنىدى. بۈگۈن بىز شۇ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلدۇق.»

بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ قەرز ئېلىش ياكى «ياۋروپا ئاكسىيە راسخوت مەركىزى» (Euroclear) دە جازا سەۋەبىدىن توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئوكرائىنا ئۈچۈن 105 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە چىقىرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىنىڭ ئاساسلىق ساقلاش ئورنى بولغان  «ياۋروپا ئاكسىيە راسخوت مەركىزى» گە ساھىبخانلىق قىلغۇچى بېلگىيە بۇ پىلانغا نىسبەتەن ئەندىشىلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى.

 بېلگىيە قانۇنىي دەۋالارغا دۇچ كېلىشىدىن ۋە ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى يالغۇز ئۈستىگە ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

بېلگىيە ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن ئىقتىسادىي ۋە قانۇنىي خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە «ياۋروپا ئاكسىيە راسخوت مەركىزى» نى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى تەكلىپ لايىھەسىگە بىر قانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى جۈمە (2025-يىلى 12-دېكابىر) كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توڭلىتىلغان مۈلۈكلەرنى ئىشلىتىش پىلانىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ تەكلىپكە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى