2025-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى
رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ مۈلكىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىش» پىلانىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كاژا كاللاس (Kaja Kallas) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروپادىكى رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى «مۇددەتسىز توڭلىتىش» نى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
كاللاس جۈمە (2025-يىلى 12-دېكابىر) كۈنى ئېكس (X) تە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى مۇددەتسىز توڭلىتىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار، رۇسىيە ئوكرائىناغا كەلتۈرگەن زىيان ئۈچۈن تولۇق تۆلەم تۆلىمىگۈچە، 210 مىليارد ياۋرو (تەخمىنەن 246 مىليارد دوللار) غىچە بولغان رۇسىيە مەبلىغىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇپرىقىدا قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»
ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن بۇ قارارنى قارشى ئېلىپ، بۇنىڭ رۇسىيەگە «كۈچلۈك سىگنال» بېرىدىغانلىقىنى، يەنى ئۇرۇش داۋاملاشقانسېرى رۇسىيە تۆلەيدىغان بەدەلنىڭمۇ داۋاملىق ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا ئېكس بېتىدە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىردىكى ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا، رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ ئوكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىپ، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلىمىگۈچە رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ھالىتىدە ساقلاشقا ۋەدە بەرگەنىدى. بۈگۈن بىز شۇ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلدۇق.»
تەۋسىيە







