ترامپ ئىككى بايرامنى «غەلىبە كۈنى» دەپ ئۆزگەرتمەكچى

ئاقساراي 8-ماي ياكى 11-نويابىرنى رەسمىي ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تېخى پىرېزىدېنت پەرمانى ئېلان قىلمىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ پالم بىچ(Palm Beach)خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، 8-ماينى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنى ۋە 11-نويابىرنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنى دەپ ئۆزگەرتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. / Reuters

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ نام بېرىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش يۈزىسىدىكى ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقى سۈپىتىدە، ئىككى ئامېرىكا بايرىمىنى «زەپەر بايرىمى» دەپ ئۆزگەرتىش نىيىتىنى بىلدۈردى.

ترامپ «ھەقىقىي مېديا» (Truth Social) سۇپىسىدا يوللىغان يازمىسىدا: «مەن 8-ماينى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنى، 11-نويابىرنى بولسا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنى دەپ ئۆزگەرتمەكچىمەن» دېدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا 8-مايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە بولسا 9-مايدا خاتىرىلىنىدۇ. بۇ كۈنلەر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكادا بەزىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلىسىمۇ، ياۋروپادىكىدەك كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلىنىدىغان رەسمىي بايرام ئەمەس.

ترامپ يازمىسىدا: «نۇرغۇن ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە دوستلىرىمىز 8-ماينى غەلىبە بايرىمى دەپ خاتىرىلەيدۇ. لېكىن بىز، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا شۈبھىسىزكى ئەڭ غەلىبىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت بولساقمۇ، بۇنى خاتىرىلىمىدۇق» دېدى.

 -11نويابىر سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋودرو ۋىلسون (Woodrow Wilson) تەرىپىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ 1918-يىلى سۇلھى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن دەسلەپتە «سۈلھى كۈنى» دەپ ئاتالغان.

كۈنىمىزدە ئامېرىكادا قوشما ئىشتاتلىرىدا «پېشقەدەم ئەسكەرلەر بايرىمى» نامىدا رەسمىي بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئامېرىكالىقلارنى ھۆرمەتلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ترامب: «ئىككى ئۇرۇشتا بىز يەڭدۇق، كۈچىمىز، جاسارىتىمىز ياكى ھەربىي داھىيلىقىمىز جەھەتتە بىزگە يېقىن كېلىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى، لېكىن بىز ھېچقايسىسىنى خاتىرىلىمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى، بىزدە خاتىرىلەشنى بىلىدىغان رەھبەرلەرنىڭ بولمىغانلىقىدۇر!. ئەمدى غەلىبىلىرىمىزنى قايتىدىن خاتىرىلەشنى باشلايمىز.»

ئاقساراي بايرام ناملىرىنى ئۆزگەرتىشنى كۆرسىتىدىغان پىرېزىدېنت پەرمانى ياكى باياناتىنى ھازىرچە رەسمىي ئېلان قىلمىدى.

ترامپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھاياتىدىكى بەزى كۈنلەر ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشكە بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇندى؛ مەسىلەن، «يەرلىك خەلقلەر بايرىمى» (Indigenous Peoples’ Day) نى قايتىدىن «كولومبۇس كۈنى» گە، «مېكسىكا قولتۇقى» نى «ئامېرىكا قولتۇقى» دەپ ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.