ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى 3 ئولتۇراق رايوننى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
بۇ ئارىلىقتا موسكۋا ئۇكرائىناغا تەۋە 95 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى يوق قىلغانلىقىنى، كىيېۋ بولسا پايتەختكە ھۇجۇم قىلغان ئون نەچچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى 3 ئولتۇراق رايوننى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى 3 ئولتۇراق رايوننى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى / Reuters
2025-يىلى5-ئاينىڭ25-كۈنى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك رايونىدا ئىككى، شىمالىدىكى سۇمى رايونىدا بىر ئولتۇراق رايوننى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىسىملارنىڭ دونېتسىك رايونىدا، (يېقىنقى مەزگىللەردە رۇسىيە بېسىمى ئاستىدا قالغان كوستيانتىنىۋكا بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ستۇپوچكى) يېزىسىنى ئىشغال قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، 1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئالدىنقى سەپنىڭ غەربىي تەرىپىگە جايلاشقان ئوترادنې يېزىسىنىڭ ۋە سۇمى رايونىدا رۇسىيە چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان لوكنيا يېزىسىنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنىمۇ جاۆارلىدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى بولسا، بۇ يوقىتىشلارنى ئېتىراپ قىلمىدى ۋە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتە رۇسىيە ھۇجۇمىنى توختاتقان بىر قانچە بازارنىڭ بىرى ئوترادنېنى دەپ ئاتىدى. بۇنىڭدىن باشقا، باش ئىشتاب ستۇپوچكىنىڭ بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا رۇسىيە ھۇجۇمى ئاستىدا قالغان بىر رايوننىڭ بىر قىسمى دەپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا، ئايلاردىن بۇيان رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ سۇمى رايونىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىماقتا، ئەمما بۇ رايونلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا جۈمە كۈنى، شەرقىي شىمالدىكى كۇپيانسك شەھىرى سىرتىغا جايلاشقان رادكىۋكا يېزىسىنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى مەركىزىي ۋە جەنۇبىي رايونلاردا، شۇنداقلا موسكۋا ئەتراپىدا بولۇپ، تۆت سائەت ئىچىدە 95 دانە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى يوق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن، تېلېگرام ھېسابىدا پايتەختكە قاراپ كېلىۋاتقان ئالتە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى يازدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىيېۋ ئون نەچچە رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى تىمۇر تىكاچېنكو، يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پايتەخت ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا «ئون نەچچە دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ» بايقالغانلىقىنى ئېيتتى.

تىكاچېنكو تېلېگرام ھېسابىدا: «يېڭى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ يېقىنلىشىۋاتىدۇ. كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىر تەرەپ قىلىندى. ئەمما يېڭىلىرى ھېلىھەم پايتەختكە كىرىۋاتىدۇ» دەپ يازدى.

تىكاچېنكو، «كېچە ئاسان بولمايدۇ. دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئايروپىلانلاردىن كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرىش تەھدىتى بار» دېدىى ھەمدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن بىرىنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ بەش قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا چۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو، شەھەرنىڭ «ھۇجۇم ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى، ئەمما «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، پۇقرالارنى «پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا قېلىڭلار!» دەپ چاقىرىق قىلدى.
ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان كېچىلىك ھۇجۇملار، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى
ب د ت: ئىسرائىلىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرىشىنى توختىتىپ قويدى
ئىران ھۇرمۇز بۇغىزىنى تاقايدىغانلىقى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى
ئىران پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسدىىكى قانلىق توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا