سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
فىلىپپىندىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 46گە يەتتى، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن 7.8بال يەر تەۋرەش تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋە بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى دۈشەنبە (2026-يىلى 8-ئىيۇن) كۈنى يۈز بەرگەن 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بىر تاللا بازىرى خىزمەتچىسىنىڭ جەسىتىنى تېپىپ چىقتى.

چارشەنبە (10-ئىيۇن) كۈنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر تاللا بازىرىنىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن بىر جەسەتنى چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 46 گە يەتتى.

دۈشەنبە كۈنى مىنداناۋ قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش بىنالارنى ۋەيران قىلدى، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. جەنۇبتىكى ئاراللارنىڭ كۆپ قىسمىدا بولسا، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلدى.

39 ياشلىق جوي دېلۇۋىيو (Joey Deluvio) گېنېرال سانتوس شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئىككى خىزمەتچىسىنىڭ بىرى ئىدى. قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقان قالدۇق يەر تەۋرەش خەۋپىگە قارىماي، بۇ تاللا بازىرى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

يەرلىك قۇتقۇزۇش خادىمى مىشېل چۇانىڭ (Michelle Chua) چارشەنبە كۈنى ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، ئۈسكۈنە ئارقىلىق قۇتقۇزۇش جەريانىدا دەسلەپتە «ئاجىز يۈرەك سوقۇشنى بايقىغان، ئەمما خادىملار جەسەتنىڭ يېنىغا بارغاندا ھېچقانداق ھاياتلىق ئالامىتى قالمىغان.»

ئۇ يەنە دېلۇۋىيونىڭ جەسىتىنىڭ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان ھالەتتە تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن

دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنى 45 دەپ ئېلان قىلدى. يوقاپ كەتكەنلەر سانى بولسا تۇيۇقسىزلا تۆتتىن  17 گە چىقتى.

خەلق مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، بۇ 45 كىشىلىك تىزىملىككە تېخى دېلۇۋىيو كىرگۈزۈلمىگەن.

خەلق مۇداپىئە ئەمەلدارى رافائېلىتو ئالېجاندرو (Rafaelito Alejandro) رادىيو زىيارىتىدە، ئىسمى جېنىدىن ئايرىلغانلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەربىي داۋائو ئۆلكىسىدىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ياكى بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Major quake off Philippines kills at least 31, around a dozen still missing
ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى