سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: نېتانياھۇ غەززە كېلىشىمىنى بۇزسا، ئۇنى «جازالايمەن»
ئىسرائىلىيە پارلامېنتى (كېنسېت) ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ترامپ ئالدىدا «ناھايىتى ئىنچىكە ئارغامچا ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلىقى» ئېيتىلماقتا.
ترامپ: نېتانياھۇ غەززە كېلىشىمىنى بۇزسا، ئۇنى «جازالايمەن»
ترامپ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئىسىرائىلىيەنىڭ قوشۇۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكانىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يىمىرىلىشىگە يول قويسا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قاتتىق جازاسىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەر ئىسرائىلىيە 12-قانىلىدا ئېلان قىلىندى.

ئاكسىيوس (Axios) مۇخبىرى ئىبرانىيچە تارقىتىدىغان ئىسرائىلىيە 12-قانىلىدا، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ نېتانياھۇنى  «پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئىنچىكە ئارغامچا ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇ ئەمەلدارنىڭ، «بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە كېلىشىم بۇزۇلىدۇ ۋە كېلىشىم بۇزۇلسا، دونالد ترامپ ئۇنى جازالايدۇ» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەرلەر، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى-كېنسېتنىڭ ئىشغال قىلىنغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋ ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، پەيشەنبە (23-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسىرائىلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋەنىس (JD Vance) ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر كۈن ئىلگىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى  ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستقلىغانلىقىنى بىلگەندە ئىنتايىن ھەيران قالغان.

ۋەنس تېل ئاۋىۋدىكى بېن گۇرىئون ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا، ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىدىكى بېلەت تاشلاشنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بۇ سىياسىي ھىيلە بولسا، بۇ ناھايىتى ئەخمەقلىق. مەن شەخسەن بۇنىڭدىن بىئارام بولدۇم.»

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى ترامپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى

بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى 12-قانالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نېتانياھۇنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بۇنداق ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بېلەت تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىدا ئىيوردا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋېلىش قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئۈچۈن ئىككى قېتىملىق بېلەت تاشلاندى. بۇ قانۇن-تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوقۇلۇش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ تولۇق قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن يەنە ئۈچ قېتىم بېلەت تاشلىنىشى كېرەك.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن ئاي (سېنتەبىر) پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاشكارا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە قارىماي ئاۋازغا قويۇلدى.

 پىرېزىدېنت ترامپ «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ج د ۋەنسنىڭ ئىسىرائىلىيە زىيارىتى، ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا مۇناسىۋەتلىك بېلەت تاشلاش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ج د ۋەنس 10-ئۆكتەبىر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىسىرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli Knesset move to annex occupied West Bank a threat to Gaza deal — Rubio

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى