فىرانسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەدە پايتەخت پارىژ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە بەزى شىركەتلەرنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنى كوللېكتىپ ھالدا ئىشتىن بوشىتىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

فىرانسىيە / TRT Uyghur

فىرانسىيە ئومۇمىي ئىشچىلار ئىتتىپاقىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 120 نۇقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، سانائەت ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تەخمىنەن 300 مىڭ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كوللېكتىپ ھالدا ئىشتىن بوشىتىشنىڭ توختىتىلىشى تەلەپ قىلىندى.

پارىژدا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14:00 دە باشلانغان نامايىشتا، نامايىشچىلار شوئارلارنى توۋلىدى ۋە «كېلەچىكىمىزنى پۇل بەلگىلىيەلمەيدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، بەزى شىركەتلەرنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى پارىژ ھۆكۈمىتىنىڭ فىرانسىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ سودا ماللىرىنى توشۇش تارمىقىنى قايتا تەشكىللەش توغرۇلۇق چىقارغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئالدىنقى كۈنى ئىش تاشلىغانىدى.