خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي ھىندىستانغا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسى خەتەر سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئاساسلىق تاشيوللار بويىغا قۇرغان ياردەم لاگېرلىرىغا تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.
شىمالىي ھىندىستانغا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسى خەتەر سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى
شىمالىي ھىندىستانغا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسى خەتەر سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى / Reuters

ئەمەلدارلار ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، چارشەنبە كۈنى تېخىمۇ كۆپ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىك تاراتقۇلار، پايتەخت يېڭى دېھلىدىكى دەريا قىرغاقلىرىدىن 10 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستاندا يامغۇرلىرى پەسلى بۇ يىل ئالاھىدە شىددەتلىك بولدى. پەقەت ئاۋغۇست ئېيىدىلا ھىندىستاننىڭ شىمالىدا كەم دېگەندە 130 ئادەم قازا قىلدى، يېزا-كەنتلەر ۋەيران بولدى ۋە ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

يېقىنقى كەلكۈن دولقۇنى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىر، شۇنداقلا ھىماچال پرادېش، ئۇتتاراخاند ۋە پەنجاپ شىتاتلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. چېناب ۋە تاۋى دەريالىرى نۇرغۇن جايلاردا خەتەر سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى.

تاشقان دەريالار تاغ گۈمۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نۇرغۇن يوللارنى ۋەيران قىلدى. بۇ ئەھۋال جاممۇ ۋە ھىماچالنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويدى.

بىر رايون ئەمەلدارى، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىرنىڭ راجۇرى رايونىدا بىر ئايال ۋە قىزىنىڭ يامغۇر سەۋەبىدىن ئۆيىنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى بۇ رايوندا قاتتىق يامغۇر يېغىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇتتاراخاند ۋە ئۇتتار پرادېش ئۆلكىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ يامغۇر يېغىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزىي سۇ ئىشلىرى كومىتېتى يامۇنا دەرياسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى دېھلىدە خەتەر سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك تاراتقۇلار، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۆۋەن جايلاردا ياشايدىغانلار ئۈچۈن ئاساسلىق يوللار بويىغا قۇرۇلغان ياردەم لاگېرلىرىغا تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2023 - يىلى دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسىدا سۇنىڭ 45 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى نەتىجىسىدە ئۆيلىرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن رايون ئاھالىلىرىمۇ تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ھىماچال پرادېشتىكى نۇرغۇن ساياھەت رايونلىرى يېقىنقى ھەپتىلەردە تاغ گۈمۈرۈلۈشكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، تاشقان دەريالار ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرگە زىيان سالدى.

ئۆلكىلىك باش مىنىستىرى سۇخۋىندېر سىنگى سۇخۇ، يېقىنقى تاغ گۈمۈرۈلۈشتە ماندى رايونىدا ئۈچ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت، قوشنا پەنجاپ شىتاتىدا 1-ئاۋغۇستتىن بۇيان 30 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 20 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستاننىڭ دېھقانچىلىق مەركىزى بولغان پەنجاپتا، تۈزلەڭلىكلەردىن ئۆتكەن سۇلارنىڭ 150 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەرنى ۋەيران قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ھىندىستان ۋە پاكىستاندا يېقىنقى كۈنلەردە داۋاملاشقان توختاۋسىز يامغۇرلار، ئەمەلدارلارنى توسمىلاردىكى سۇنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال تۈزلەڭلىكلەردە كەلكۈننى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى