سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالەم بوشلۇقىنى تىنچ مەقسەتتە ئىشلىتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالەم بوشلۇقىنى «ئۇرۇش مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇشنىڭ خەتەرلىكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى / Reuters

ۋاشىنگتوننىڭ يەر شارى ئوربىتاسىغا تۇنجى قېتىم ھەربىي قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارىلىشىدىن كېيىن، خىتاي سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ توپلاشنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن بېيجىڭنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ «ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرقانداق قوراللىنىش رىقابىتىگە ياكى ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرۇشقا» قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 گو جياكۇن ۋاشىنگتوننى ئوربىتادىكى ھەربىي يىغىلىشنى توختىتىشقا ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىردى.

بۇ باياناتلار ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش كاتىپى تروي مېينكنىڭ دۈشەنبە كۈنى «ئالەم ئارمىيەسىنىڭ ئەمدى دۈشمەنلەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە جاۋاب قايتۇرالايدىغان ھەربىي قوراللارغا ئىگە بولغانلىقىنى» ئېيتىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەم ھاۋا ئارمىيەسىنى ھەم ئالەم ئارمىيەسىنى نازارەت قىلىدىغان ئىدارىنىڭ باشلىقى مېينك بۇ قوراللارنىڭ قاچان ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، ئىقتىدارى ياكى ئۇلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، تور ئىقتىدارى ياكى باشقا تېخنىكىلارغا تايىنىدىغان-تايانمايدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

مېينك كېيىنچە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تەپسىلاتلارنى يوشۇرۇشنىڭ مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، تاللانغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ھەربىي جەھەتتىن چەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل تاللانغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلاشنىڭ بۇ چەكلەش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئامېرىكانىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ساھەنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەمدە دۆلەتنىڭ «پەقەت ھاۋادا ئەمەس، ئالەم بوشلۇقىدىمۇ» ئۈستۈنلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1967-يىلى ئىمزالانغان «ئالەم بوشلۇقى ئەھدىنامىسى» ئوربىتىغا يادرو قوراللىرىنى ۋە باشقا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلىسىمۇ، بىراق ئادەتتىكى قوراللارنى ئوچۇق-ئاشكارا چەكلىمەيدۇ.

بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئوربىتىغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئوچۇق باياناتلارنىڭ، رىقابەتچى كۈچلەرنى ئۆز ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە قۇتراتقۇچىلىق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. شۇنداقلا، خەۋەرلىشىش، يول باشلاش ۋە ئاخبارات توپلاش جەھەتتە بارغانسېرى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقان ئالەم بوشلۇقىدا قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى