ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىمىز يوق
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون)، ئارمىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ناھىيەسىگە يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
پېنتاگون مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىڭ 2025-يىلىنىڭ تۇنجى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەينۇلئەرەب ناھىيەسىگە يېڭى ھەربىي بازا قۇرىدىغان ياكى قۇرمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا: «ئۇ خەۋەرلەرنىڭ بەزىلىرىنى كۆردۈم، كوبانى (ئەينۇلئەرەب) دا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.
ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدە دائىشنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىش مەقسىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقلىرى توغرىسىدىكى دەۋاسىنى تەكرارلىغان سىڭ، ئەينۇلئەرەبتە ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «كوبانىدا ھازىر ھەرقانداق بازا قۇرۇش پىلانى ياكى نىيىتى يوق. بۇ خەۋەرلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن» دېدى.
ئۇ دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدە زوراۋانلىقنىڭ توختىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇقىملىق جەريانىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ دائىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ يوقىتىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.