خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
بېكاسى شەھىرىدىكى بىر تۆمۈر يول ئۆتۈشمە يولىدا بىر شەھەر ئەتراپى پويىزى بىلەن بىر ئۇزۇن يوللۇق پويىزى سوقۇلۇپ كېتىپ، 14 كىشى قازا قىلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى.
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
دۈشەنبە كۈنى كەچتە بېكاسىدا ئىككى پويىز سوقۇشۇپ كەتكەندىن كېيىن، بىر ساقچى خادىمى بۇزۇلغان پويىزنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. / Reuters

ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېكاسى شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىككى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 كە، يارلانغانلارنىڭ سانى 84 كە يەتتى. دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى مەسئۇللارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ۋەقە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن تۆمۈر يول پاجىئەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

«ئانتارا خەۋەر ئاگېنتلىقى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە دۈشەنبە كۈنى كەچتە شەرق بېكاسى بېكىتىدە بىر شەھەر ئەتراپى پويىزىنىڭ ئۇزۇن يوللۇق پويىز بىلەن سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. دۆلەت تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئىدارىسى «PT Kereta Api Indonesia (KAI)» مەسئۇللىرى يارىلانغان ئونلارچە يولۇچىنىڭ تۈرلۈك دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«جاكارتا گىلوب» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت تۆمۈر يول باشقۇرۇش ئىدارىسى باياناتچىسى فىرانوتو ۋىبوۋو ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەنىڭ بېكاسىدىكى «بۇلاك قاپال» تۆمۈر يول ئۆتۈشمە يولىدا بىر تاكسىنىڭ ئېلېكتىرلىك شەھەر ئەتراپى پويىزىغا سوقۇلۇشى بىلەن كېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى. سوقۇلۇشتىن كېيىن، شەھەر ئەتراپى پويىزى رېلىس ئۈستىدە توختاپ قالغان، ئارقىدىنلا ئوخشاش لىنىيەدە كېلىۋاتقان ئۇزۇن يوللۇق پويىز توختاپ قالغان پويىزغا سوقۇلغان.

دۆلەتلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى (Basarnas) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى كېچىچە خىزمەت ئىشلەپ، بەزىلىرى ئېغىر يارلانغان تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇردى. دائىرىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن جەسەتلەرنىڭ ساقچى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بارلىق داۋالىنىش ۋە دەپنە چىقىملىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەركىزى بىلەن ئۇچۇر نۇقتىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ھازىرچە ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى پويىز قاتنىشى قىسمەن كاشىلاغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بىر تەرەپتە تەكشۈرۈش ئەترەتلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلىماقتا، يەنە بىر تەرەپتە پويىز سەپەرلىرى چەكلىك ھالدا داۋاملاشماقتا. ھىندونېزىيە قاتناش دائىرىلىرى قالدۇقلارنى تازىلاش ۋە قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»