سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى دونالد ترامپ ئېلان قىلغان «ئىقتىسادىي D-Day» پىلانىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسىدىن دىققەتنى بۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلىتىگە قاراتقان «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» نى ۋاشىنگتوننىڭ بارغانسېرىئېشىپ بېرىۋاتقان قەرزلىرى ۋە ئۆسۈم تەننەرخىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، دەپ ئەيىبلىدى. ئاراقچى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ھەرىكەتنى ئامېرىكانىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن قەرز ۋە بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۆسۈم يۈكىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىنىڭ كىرىزىسىدىن دىققەتنى بۇرۇۋېتىش» تىرىشچانلىقى دەپ سۈپەتلىدى.

ئاراقچى ئامېرىكانىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ۋاشىنگتونغا «تېخىمۇ كۆپ مەغلۇبىيەت» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ ئىران خەلقىنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي تېررورلۇقى دۇنيا ئىقتىسادىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەھدىتكە ئۇچراتماقتا.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىرانغا قارشى «ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قوللىنىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ھەرىكەت» نى باشلايدىغانلىقىنى، ئىران بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان دۆلەتلەرنىڭمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار