ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
بېيجىڭدا قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى 30 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بېيجىڭدا قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى 30 ئادەمنىڭ  جېنىغا زامىن بولدى
/ AP

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قارا يامغۇر سەۋەبىدىن بېيجىڭدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلغان. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلەش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى، بېيجىڭ ۋە ئەتراپىدىكى ئۆلكىلەردە قارا يامغۇرنىڭ دۈشەنبە كۈنى كۈچەيگەنلىكىنى، پايتەختنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا داۋاملاشقان بۇ «قارا يامغۇر» نىڭ 543.4 مىللىمېتىرغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېيجىڭنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلىرىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، 28 كىشى مىيۈندا، 2 كىشى يەنچىڭدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قارا يامغۇر سەۋەبىدىن بېيجىڭدىن 80 مىڭ 322 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

شى جىنپىڭ تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلەش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە بېيجىڭ، خېبېي، جىلىن ۋە شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى ھەم ماددىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىزدىنىڭ
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى