خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھۆكۈمىتى پەلەستىن نامايىشلىرى سەۋەبىدىن 584 مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توختاتتى
ئۇنىۋېرسىتېت كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھۆكۈمىتى پەلەستىن نامايىشلىرى سەۋەبىدىن 584 مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توختاتتى
ترامپ ھۆكۈمىتى پەلەستىن نامايىشلىرى سەۋەبىدىن 584 مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توختاتتى / AP Archive

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانجېلېس شۆبىسى (UCLA) ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 584 مىليون دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىنى توڭلىتىپ قويدى. بۇ بايانات، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى نامايىشلار سەۋەبىدىن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، UCLA  تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

UCLA  مەكتەپ مۇدىرى جۇلىئو فرېنك چارشەنبە كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر يېڭىلانمىدا: «ھازىر جەمئىي 584 مىليون دوللارغا يېقىن تاشقى مەنبەلىك ياردەم مەبلىغى توختىتىلغان ھالەتتە ۋە خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا» دېدى.

«لوس ئانجېلېس ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، UCLA  رەھبەرلىكى بۇ توڭلىتىش قارارىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارلانماقتا.

ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىۋېرسىتېت، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر پروفېسسورنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ئەيىبلىمىسى بىلەن سۇنغان دەۋاسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 6 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەشكە قوشۇلغان ئىدى. UCLA يەنە، 2024-يىلى ئامېرىكىدىكى مەكتەپ ھويلىلىرىدا نامايىش ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشچىلارغا قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇم سەۋەبىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ ئەرز قىلىنغان ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلار سەۋەبىدىن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ فېدېراتسىيە مەبلىغىنى كېسىۋېتىش بىلەن تەھدىت سالدى.

ئۆتكەن يىلى UCLA دا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئارىلىرىدا بىر قىسىم يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرىمۇ بار بولغان نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى ۋە پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنى تەنقىد قىلىشىنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش بىلەن، پەلەستىن ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدىشىنى بولسا ئاشقۇنلۇق بىلەن بىر قاتاردا كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Columbia's $200M deal with Trump admin sparks fears of government overreach in higher education

پەلەستىننى قوللايدىغان ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش

ھۆكۈمەت يېقىنقى ھەپتىلەردە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن 220 مىليون دوللاردىن ئارتۇق، بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولسا 50 مىليون دوللارلىق مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ھەر ئىككى ئورگان ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بولغان سۆھبەت تېخىچە داۋاملاشماقتا.

ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتە ئېغىر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھۆكۈمەت يەنە نامايىشقا قاتناشقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇندى، ئەمما بۇ ئۇرۇنۇشلار ئەدلىيەلىك توسالغۇغا ئۇچرىدى.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار گېزىتى چارشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلدى. گېزىت، ئوقۇغۇچى يازغۇچىلارنىڭ چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش قورقۇنچى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە غەززەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر يېزىش ۋەزىپىلىرىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نازارەتكە ئالغانلىقىغا ئوخشاش باستۇرۇشلارمۇ يۈز بەردى. نازارەتكە ئېلىنغانلار ئارىسىدا مەھمۇد خەلىل، رۇمەيسا ئۆزتۈرك ۋە موھسېن مەھداۋى قاتارلىقلارمۇ بار.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز