تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
ئىككى دۆلەت رەھبىرى تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «NSosyal» تە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ تۈركىيە-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىدىن سىرت، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ۋە سودا ساھەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ھەرقايسى ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ خەلقئارالىق سۇپىلاردىكى ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، مەنسەپدىشى مىرزىيايېۋنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ت د ت باشلىقلار يىغىنى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»گە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ 31-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى (COP31)غا تەكلىپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇرۇشلۇق مېھمانخانىدا مەتبۇئاتلارغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدانمۇ ھازىر بولدى.

تۈركىستاندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كۈتۈۋېلىش

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن ھەزرىتى سۇلتان خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىدا، قازاقىستان دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئەلان كارىن، تۈركىستان ئۆلكىسى ۋالىيسى نۇرلان قۇرانوف، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالماتا ۋەكىلى جانىبەك چاراسكانوۋىچ، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەركەبۇلان ساپىيېف ۋە باشقا مەسئۇللار تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىللە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە تۈركىيە ھەيئىتىمۇ تۈركىستانغا يېتىپ كەلدى. ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ت د ت غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقتا.

باشلىقلار يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن باشقا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروف ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۇفان ئەھرۈرمان قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئاستانە شەھىرىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندا، ئىككى رەھبەر تۈركىيە-قازاقىستان سودا مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ت د ت غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئەتىگەندە ئاستانەدىن تۈركىستان شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ