خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززە شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى بىر ئۆينى ۋەيران قىلدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىر پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، دەير ئەلبەلاھنىڭ شەرقىدە بولسا بىنالارنى ۋەيران قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى / َAA

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھەر كۈنى ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە ئۈچ پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

شىفا دوختۇرخانىسىدىكى بىر سەھىيە مەنبەسى، سەيشەنبە كۈنى غەززە شەھىرىنىڭ غەربىدىكى نەسىر مەھەللىسىدە بىر ئۆينىڭ ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن نىشانغا ئېلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى بىلەن ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ بولغان نۇرغۇن يارىدارنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Satellite images reveal whole Gaza residential blocks erased in Israel's genocidal war

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھۇجۇم، ئەلباتۇل بىناسىدىكى بىر ئۆينى نىشان قىلغان. ئىككى پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ بولغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

ئەقسا شېھىتلىرى دوختۇرخانىسىدىن بىر سەھىيە مەنبەسى، ئەھمەد ئەبۇ مۇررنىڭ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن دەير ئەلبەلاھنىڭ شەرقىدە ئېتىپ تاشلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىن جەسىتىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە 1 مىڭ 421 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 مىڭ 983 كىشى يارىلانغان.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى 74 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە، 175 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە غەززەدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن 90 % ىنى ۋەيران قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ben-Gvir vows to execute Palestinian prisoners and displace Gaza population
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى