خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پىرېزىدېنت پېترو مىڭلىغان قوللىغۇچىسىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو مائاش ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى قوللىمىغان سوت مەھكىمىسىگە قارشى مىڭلىغان ئادەمنى نامايىشقا تەشكىللىدى.
پىرېزىدېنت پېترو مىڭلىغان قوللىغۇچىسىنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى
2026-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى گۇستاۋو پېترو سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشنى ئاشۇرۇش قارارىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، بوگوتا شەھىرىدە قوللىغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Reuters

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو ھۆكۈمەتنىڭ مائاش ئۆستۈرۈش قارارىنى توختىتىپ قويغان سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى. پەيشەنبە كۈنى پايتەخت بوگوتا قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە مىڭلىغان كىشى يۈرۈش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قېتىملىق جىددىيچىلىك دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي سوت مەھكىمىسى — دۆلەت كېڭىشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن %23.7 لىك مائاش ئۆستۈرۈش پىلانىنى «ئىقتىسادىي تەسىرى ۋە رەسمىيەت خاتالىقلىرى» سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشى بىلەن پارتلىغان. پىرېزىدېنت پېترو بولىۋار مەيدانىدا توپلانغان ئاممىغا خىتاب قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى مىليون پېسو (تەخمىنەن 544 دوللار) لىق يېڭى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ۋە بۇ قاراردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سوت مەھكىمىسى بولسا مائاشنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈشى پۇل پاخاللىقىنى كۈچەيتىۋېتىشى، كارخانىلارنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. پىرېزىدېنت پېترو بىلەن ئەدلىيە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۈركىلىش دۆلەتتە تۈزۈلمە كىرىزىسى يارىتىش خەۋپىنى تۇغدۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى بومبا پارتلىدى
ترامپ «ئۇچار ئاقساراي» نى تونۇشتۇردى
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ئىران سۆھبەتتىن بۇرۇن لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ۋە 7 دۆلەت ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە - قىرغىزىستان شەھەر پىلانلاش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
ۋانس ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئالاقىدار شىۋىيېتسارىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
رۇسىيە: ئۇكرائىنا زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قاتناش بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى
سىنگاپور باش مىنىستىرى ۋوڭ تۈركىيەگە كېلىدۇ
توقايېۋ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى