سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان مامدانى ئۆزىنىڭ غەلبىسىنى ھازىرقى ئەھۋالنى رەت قىلىش ۋە تېخىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىغا سىگنال بېرىش دەپ قارايدۇ.
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
زوھران مامدانى غەلىبە نۇتۇقى سۆزلىمەكتە. سۈرەت: ئا پ. / AP

زوھران كۋامې مامدانى سەيشەنبە (4-نويابىر) كۈنى نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولغان مۇھىم غەلىبىگە ئېرىشتى.

كۋېنس (Queens) تا تۇغۇلغان ۋە ئوتتۇز نەچچە ياش ۋاقتىدا ئىشتاتلىق پارلامېنتنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان مامدانى، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى  ئىككى ئاددىي تېمىغا يىغىنچاقلىدى. بۇلار ئادەتتىكى نىيۇ يوركلىقلارنىڭ ياشاش تەننەرخىنى ئاساس قىلىش ۋە توختىماي خەلقنىڭ ئىچىگە چۆكۈش ئىدى.

ئىجارە ھەققى، ھەقسىز شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنىشى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ماگېزىنلىرى ۋە يەسلى توغرىسىدىكى ۋەدىلەر، ئۆي-مۈلۈك ، قاتناش ۋە كۈندىلىك خىراجەتلەر تەرىپىدىن قىسىلىپ قالغان كىشىلەرنى نىشان قىلغان ئۇچۇرنىڭ مەركىزىي نۇۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئۇ بۇ كۈنتەرتىپىنى مىليونلىغان كۆرۈش رېكورتىنى ياراتقان قىسقا ۋىدېيولار، كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلار بىلەن ئۆزى تۇرىدىغان جايدا كۆرۈشۈش ئارقىلىق سۇندى.

ئۇ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ۋە ئاخىرقى بېكەت شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى.»


ھەممە ئادەم قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقاردى

 
مامدانىينىڭ ئۆرلىشى دراماتىك ئىدى. ئۇ ئىيۇن ئېيىدا پارتىيەسىنى ھەيران قالدۇردى، سابىق باش ۋالىي ئاندرېۋ كۇمونى دەسلەپكى نامزات بەلگىلەش سايلىمىدا يەڭدى، كۇمو ئاۋاز سانالغان كېچە ئۇتتۇرغانلىقىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ غەلىبە ئۇنى نامى چىقمىغان ئەھۋالدىن بىراقلا دۆلەتنىڭ سەھنىسىگە چىقاردى. ئۇنىڭ غەلىبىسى سىياسەت سەھنىلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ مۇنازىرە قوزغىدى.

بىر ئوبزورچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قوللىغۇچىلار «ھەقىقەتەنمۇ ھەقىقىي تۇيۇلىدىغان» كاندىداتنى-«ھالال يېمەكلىك ھارۋىلىرىنىڭ باھاسى» قاتارلىق كۈندىلىك ئەندىشىلەر ھەققىدە سۆزلەپ، خەلقنىڭ ئىچىگە چۆككەن نامزاتنى تەبرىكلىدى.

بىراق، بۇ ئۆرلەش نۇرغۇن فرونتلاردا قىيىنچىلىقلار دۇچ كەلدى. مامدانى مۇتەئەسسىپ تاراتقۇلار، رەقىبلەرنىڭ، داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ھەتتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قايتا-قايتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ترامپ ۋە باشقا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ مامدانىنىڭ تەكلىپلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋىتىش ھەمدە ئەگەر ئۇ غەلىبە قىلسا فېدېراتسىيە مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن تەھدىت سالدى. دېموكرات پارتىيەنىڭ مەركىزىدىكىلەرمۇ گۇمانلانغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر نىيۇ يوركنى باشقۇرۇشنىڭ جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

بىر سىياسەتشۇناس سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن: «ھەممە ئادەم قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقاردى، بۇ باشقۇرۇش ناھايىتى تەس شەھەر» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Is New York City ready for Zohran Kwame Mamdani?


دۈشمەن مۇھىتتا يول يۈرۈش

سايلام سەپەرۋەرلىكى ئىنتېرنېت تورلىرىدىكى دۈشمەنلىك دولقۇنلىرىنى پەيدا قىلدى.

ئۆچمەنلىك ۋەقەلىرىنى كۆزىتىدىغان قوغدىنىش گۇرۇپپىلىرى سايلامنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا قارشى يوللانمىلار ۋە زوراۋانلىق تەھدىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى خاتىرىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۈزلىگەن ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر كۈندە يۈزدىن ئارتۇق زوراۋانلىققا مۇناسىۋەتلىك دوكلات بار.

مامدانىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

شۇنداقتىمۇ، مامدانى ئۆزىنىڭ غەلبىسىنى ھازىرقى ئەھۋالنى رەت قىلىش ۋە تېخىمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىغا سىگنال بېرىش دەپ قارايدۇ.

ئۇ غەلىبە نۇتۇقىدا، نىيۇ يوركنى «دۆلەت مىقياسىدىكى چېكىنىش» دەپ تەسۋىرلەنگەن ۋەزىيەتنى يېڭىش ئۈچۈن مودېل سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ: «ئەگەر كىمىكى دونالد ترامپ خىيانەت قىلغان بىر دۆلەتكە ئۇنى قانداق مەغلۇب قىلىشنى كۆرسىتەلىگەن بىرسى بار دېسەك، ئۇ ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغان شەھەردۇر.  نىيۇ يورك سىياسىي قاراڭغۇلۇقنىڭ بۇ پەيتىدە، يول كۆرسىتىدىغان چىراغ بولىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ