«The National» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى «USS Theodore Roosevelt» ئاۋىياماتكىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسئۇلىيەت رايونىغا كىرگەنلىكىنى ۋە بۇ يەردە مەۋجۇت بولغان «USS George Washington» بىلەن «USS George H.W. Bush» ئاۋىياماتكىلىرىغا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇزۋېلتنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قارشى يېڭى بىر كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاش ياكى باشلىماسلىق ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەركەزلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ يۆتكەش ھەرىكىتى، ئىراننىڭ يەكشەنبە كۈنى بەھرەينگە قارىتا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بىلەن يۈز بەردى. مەزكۇر ھۇجۇم، ۋاشىنگتون بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، تەخمىنەن ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشسىزلىق باسقۇچىنىمۇ ئاخىرلاشتۇردى. يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمدىن بۇرۇن، جۈمە كۈنىمۇ ئامېرىكا قىسىملىرى قولتۇق دۆلىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىككى ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسۇپ قالغان ئىدى.
ھەم پېنتاگون ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىمۇ ئاۋىياماتكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش پىروگراممىسىغا ئالاقىدار رەسمىي بايانات بەرمىدى.
قايتىدىن باشلانغان سۆھبەتلەر، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك دىپلوماتىك كىرىزىس ۋە رايوندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ توپلىنىشى يۈز بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ئەھۋال فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ماسلاشقان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان ئىرانغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ، يېقىندا مۇئاۋىن پىرېزىدېنت JD ۋېنسنى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ۋاشىنگتوننىڭ ئەمدى تېھران بىلەن بىر كېلىشىمگە ئېھتىياجى يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئاۋىياماتكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە ئىرانغا قارشى ئېھتىماللىقى بولغان بىر ھەرىكەتنى قايتا باشلاش تەييارلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋەرلەرنى رەت قىلدى ھەمدە رايوندىكى كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆزگىرىشلىرىگە دائىر دەۋالارنى «پۈتۈنلەي پەرەز» دەپ سۈپەتلىدى.





















