غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاشقۇن ئوڭچى لۇمېرنىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋىزىسىنى توختاتتى
لۇمېر نىشان قىلغان ئورگان، ئۆتكەن ھەپتە غەززەدىكى 11 ئېغىر يارىلانغان پەلەستىنلىك كىچىك بالىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكادىكى HEAL Palestine خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئىدى.
ئاشقۇن ئوڭچى لۇمېرنىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋىزىسىنى توختاتتى
ئاشقۇن ئوڭچى لۇمېرنىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋىزىسىنى توختاتتى / AA

پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ئاشقۇن ئوڭ قانات بىر شەخسنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىدا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئامېرىكادا داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى شىكايىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە بېرىلىدىغان زىيارەت ۋىزىسىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ بايانات، ئىرقىي سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى بىلەن تونۇلغان لاۋرا لۇمېرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقودا غەزەپلىك يازمىلارنى يوللىشىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماركو رۇبىئونىڭ يېتەكچىلىكىدە X تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «يېقىنقى كۈنلەردە ئاز ساندىكى كىشىلەرگە بېرىلگەن ۋاقىتلىق تىببىي-ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىلىرىنىڭ بېرىلىش جەريانى ۋە تەرتىپلىرى تولۇق ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ بولغۇچە، غەززەدىن كەلگەن شەخسلەر ئۈچۈن بارلىق زىيارەت ۋىزىلىرى توختىتىلدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

لۇمېر جۈمە كۈنى X تورىدا يوللىغان بىر قاتار يازمىلىرىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى غەززەدىن كەلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋىزىسىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، بۇ كىشىلەر ھەققىدە «خاماسنى قوللىغۇچى»، «مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك» ۋە «قاتار تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن» دېگەندەك ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆز سۆزلىرىگە ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات كۆرسەتمىدى.

لۇمېر نىشان قىلغان ئورگان، ئۆتكەن ھەپتە غەززەدە ئېغىر يارىلانغان 11 پەلەستىنلىك بالا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئامېرىكاغا بىخەتەر كېلىپ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكادىكى HEAL Palestine خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئىدى.

بۇ خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ئۆز تور بېتىدە، بۇنىڭ «يارىلانغان بالىلارنىڭ غەززەدىن ئامېرىكاغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك داۋالاش يۆتكىلىشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«بىرسى خىزمەتتىن بوشىتىلىشى كېرەك»

لۇمېر يەنە بىر X يازمىسىدا: «بۇ ھەقىقەتەن قوبۇل قىلغۇسىز» دەپ يېزىپ، «ۋىزىنى كىمنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، (تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى) دا بىرسى خىزمەتتىن بوشىتىلىشى كېرەك» دەپ قوشۇپ قويدى.

لۇمېر كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن توم كوتتوننىڭ خىزمەت ئەترىتى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ «بۇ غەززەلىكلەرنىڭ ئامېرىكاغا قانداق ۋىزا ئالغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى راندى فاين ۋىزا سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن لۇمېرنى ئوچۇق-ئاشكارا ماختىدى. بۇ ئەھۋال لۇمېرنىڭ ئامېرىكانىڭ بەزى سىياسەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارالدى.

فاين X تورىدا: «بۇ ئەھۋالنى ئاشكارىلىغانلىقى ۋە مېنى ھەمدە باشقا ئەمەلدارلارنى خەۋەردار قىلغانلىقى ئۈچۈن لۇمېر زور تەقدىرگە لايىق. ئاجايىپ ئىش قىلدىڭ، لاۋرا» دەپ يازدى.

7-ئايدا، لۇمېر بايدىن دەۋرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارغا ۋېست پوينت ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە نوپۇزلۇق بىر خىزمەت ئورنى ئۈچۈن قىلىنغان تەكلىپنى نىشان قىلغان  بولۇپ، پېنتاگون بىر كۈندىن كېيىن بۇ تەكلىپنى بىكار قىلغان ئىدى.

لۇمېرنىڭ 4-ئايدا ئاقسارايدا پرېزىدېنت بىلەن كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ترامپ ئىنتايىن مۇھىم ئورگان بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تىموتىي خاۋ ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ۋېندى نوبىلنىمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. بۇ قارارمۇ لۇمېرنىڭ قۇترىتىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى