ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ توشۇلۇشىنى تېزلىتىشكە دائىر تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ترامپ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.
/ AP

سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك: «بېيجىڭ بىزگە ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنداق قىلغاندا بىز جاۋاب تەدبىرلىرىمىزنى بىكار قىلىمىز» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغانىدى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى «بىر چوڭ گۈزەل قانۇن لايىھەسى» (One Big Beautiful Bill) ناملىق پائالىيەتتە: «تۈنۈگۈن خىتاي بىلەن بىر كېلىشىم ئىمزالىدۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بىز خىتاي بىلەن يېڭى بىر كېلىشىم ئىمزالىدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ كېلىشىم ئارقىلىق بىز خىتاينىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا باشلاۋاتىمىز. ئىلگىرى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ھازىر يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ئاينىڭ بېشىدا لوندوندا ئۇچرىشىپ، تاموژنا بېجى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانىدى.

ئاپرېلدا ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا يۇقىرى تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئەمما ماي ئېيىدا ئىككى تەرەپ دەسلەپكى 90 كۈنلۈك جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنى كەڭ كۆلەمدە بىكار قىلىشقا كېلىشكەنىدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ھىندىستان بىلەنمۇ بىر كېلىشىم ئىمزالىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىدىن 88 مىليارد دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ بىر قالتىس ئىش ئەمەسمۇ؟ 88 مىليارد!» دېدى.

ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ توشۇلۇشى

ئاق ساراي ئەمەلدارى: «ھۆكۈمەت بىلەن خىتاي جەنۋە كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ تونۇش، ‹ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا توشۇلۇشىنى قانداق تېزلىتەلەيدىغانلىقىمىز› بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك بلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا: «ئۇلار بىزگە ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلغاندا بىز جاۋاب تەدبىرلىرىمىزنى بىكار قىلىمىز» دېدى.

ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باج ۋە چىقىم قىسقارتىش قانۇنىنى تونۇشتۇرۇپ، «بىر چوڭ گۈزەل قانۇن لايىھەسى»، «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم قانۇنلارنىڭ بىرىدۇر» دېدى. ئۇ يەنە، بۇ قانۇن لايىھەسى «چېگرالىرىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئىقتىسادىمىزنى جانلاندۇرىدۇ ۋە ئامېرىكا ئارزۇسىنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆتكەن ئايدا ئاۋام پالاتاسى بۇ كەڭ دائىرىلىك قانۇننى ئاز ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى تۈزىتىشلەر بىلەن قانۇننى ماقۇللاپ، تەستىقلاش ئۈچۈن تۆۋەن پالاتاغا قايتا ئەۋەتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ